تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

نامراتلارنى يۆلەش كاپالەت تورىنى زىچ توقۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى

ئاپتونوم رايونىمىز «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى

نامراتلارنى يۆلەش كاپالەت تورىنى زىچ توقۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: «ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى نېمىدېگەن ياخشى ھە، بۇ قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ جەمئىي 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل خەجلەپتىمەن، ئۆزۈم پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنىلا كۆتۈردۈم» دېدى 4- ئاينىڭ 8- كۈنى گۇما ناھىيەسىنىڭ باشلەڭگەر يېزىسى توغرا كۆۋرۈك كەنتىدىكى نامرات ئاھالە توختىخان مۇساق خۇشال ھالدا. 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا توختىخان ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ، ئاھالىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، خەلق ئىشلىرى بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت تۆت خىل كاپالەتتىن بەھرىمەن بولدى.

  توختىخاننى نەپكە ئېرىشتۈرگەن ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دەل ئاپتونوم رايوننىڭ سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى يېڭى تەدبىر. بۇلتۇر 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون مالىيەدىن 300 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويدى، جۇڭگو خەلق مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بېجىرىشكە قاتناشتى. بۇ يىل 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگە قەدەر، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى پۇلىنى ئالغانلار 350 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، ئومۇمىي بېرىلگەن سۇغۇرتا سوممىسى 285 مىليون يۈەن بولدى. «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالاش بويىچە قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش ئاساسىدا، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئاتچوت قىلىنىش نىسبىتىنى 22 پىرسەنت پوئېنتقا يېقىن ئۆستۈردۇق» دەپ تونۇشتۇردى جۇڭگو خەلق مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئىجتىمائىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى ما جيەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىزدىنىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ سۇغۇرتا كەسپى يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسى، ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، خەلق تۇرمۇشى سۇغۇرتىسى، سۇغۇرتا مەبلىغى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە تۆلەم مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەڭ چوڭ چەكتە نامرات ئاھالىلەرگە پايدا يەتكۈزۈپ، سۇغۇرتىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشتى.

  كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە، شىنجاڭنىڭ سۇغۇرتا كەسپى 1300دىن ئارتۇق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مۇلازىمەت تور نۇقتىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - بازارلارنىڭ تور نۇقتىسى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %85كە يەتكۈزدى؛ يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان خاس باغۋەنچىلىك سۇغۇرتىسى ۋە چارۋىچىلىق سۇغۇرتىسىنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى، 2018- يىلى جەمئىي 770 مىڭ 800 نامرات ئاممىنى 6 مىليارد 480 مىليون يۈەن خەۋپ - خەتەر كاپالەت سوممىسى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو خەلق مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى ئاساسلىق ئۈستىگە ئالغان شىركەتلەرنىڭ بىرى. «بۇلتۇر بىز 527 مىڭ 200 نامرات ئاھالىنى 4 مىليارد 432 مىليون يۈەن خەۋپ - خەتەر كاپالەت سوممىسى بىلەن تەمىنلەپ، 81 مىڭ 500 نامرات ئاممىغا 75 مىليون 710مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىپ، نامرات ئاممىنىڭ كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتۇق» دېدى جۇڭگو خەلق مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى يېزا سۇغۇرتا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ جۈن.

  ساغلاملىق سۇغۇرتىسى جەھەتتە، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرگە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى مايىللاشتۇرۇش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 10 مىڭ 700 ئادەمگە 37 مىليون 183 مىڭ 100 يۈەن داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىپ بەردى. خەلق تۇرمۇشى سۇغۇرتىسى جەھەتتە، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى ئومۇمىي خەلق كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، 2018- يىلى 130مىڭ 500 نامرات ئامما ئۈچۈن 57 مىليون 252 مىڭ 700 يۈەن كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى بېرىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كۈتۈلمىگەن ھادىسە سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى بىر قەدەر ياخشى ھەل قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى سۇغۇرتا مەبلىغىنى نامراتلارنى يۆلەشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يېڭى تىپتىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىغا بىۋاسىتە سېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن؛ سۇغۇرتا مېخانىزمىنى كىرگۈزۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلىنىڭ خەۋپ - خەتەر تولۇقلىمىسى بېرىشكە قاتنىشىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئىككى كەچۈرۈم قەرز پۇل سومما چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن قەرز پۇلنى سۇغۇرتا مېخانىزمىغا كىرگۈزۈپ، توختامغا خىلاپلىق قىلىش خەۋپىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، بانكىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قوللاش جەھەتتىكى غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى