تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇش

− بورتالا ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئاڭگىلىگ بازىرى بۇمبۇتۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېڭ يۆيۆ

  «قارىڭە، بىز بۇ قېنىق كۆك رەڭلىك يەرلىك رەختكە گۈل قاتارلىق نۇسخىلارنى بىر يىڭنە - بىر يىڭنىدىن كەشتىلىۋېدۇق، ئۆي بېزەيدىغان سىپتا سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندى.» 3- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەسى ئاڭگىلىگ بازىرى بۇمبۇتۇ كەنتى شياڭئېلاكې ئائىلىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باش مۇدىرى تۇراخان ئۆمەر مۇنداق دېدى: «ھازىر <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتى ئېلىپ بەرگەن كومپيۇتېرلىق كەشتىلەش ماشىنىسى بولغاچقا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئۈنۈم بىراقلا ئۆستى».

  «قولدا كەشتىلەشنىڭ ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن بولغاچقا، ئىلگىرى يىللىق كىرىمىمىز 40- 30 مىڭ يۈەنلا ئىدى، ھازىر كەشتىلەش ماشىنىسى بار بولدى، بىر ئايدىلا ئىلگىرىكى بىر يىللىق كىرىمنى قىلالايدىغان بولدۇق» دېدى تۇراخان خۇشال ھالدا.

  «ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندا، پەقەت 15 قازاق ئايال بار ئىدى، ھازىر 30غا يەتتى. ئۇلار بىرلىكتە قولدا گىلەم توقۇيدۇ، مىللىيچە كىيىم - كېچەك تىكىدۇ، ئائىلە بېزەكلىرى قاتارلىقلارنى كەشتىلەيدۇ.» بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئارشاڭ ناھىيەسى ئانگىلىگ بازىرى بۇمبۇتۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى بەي يۈنلۇڭ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى ئاياللارنىڭ كەشتىچىلىك ھۈنىرى بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، بازار ئېچىشقا يېتەكلىدى ۋە قوللىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئورۇنغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالە كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەقسىز ئورۇن بىلەن تەمىنلىدى؛ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېھتىياجنى قامدىيالمىغاندا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 150 مىڭ يۈەن قەرز پۇل غەملەپ، كومپيۇتېرلىق كەشتىلەش ماشىنىسى، ئېلېكتىرونلۇق پىچىش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتتى.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى ۋە يۆلىشىدە، بۇمبۇتۇ كەنتى ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى باشلامچىغا ئايلاندى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈردى... «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرغاچقا، بۇمبۇتۇ كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.

  «كەشتىچىلىك ھۈنىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاندىن بازار ئۈنۈمىگە ئېرىشتى. ھازىر، <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتى يەنە بىزنىڭ كەنت مەدەنىيەت ئۆيىدە كۆرگەزمە سۇپىسى تەسىس قىلىپ، كەشتە بۇيۇملىرىنى كوزىر مەھسۇلات سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشىمىزغا ياردەم بەردى، بىزنىڭ كەشتىچىلىك كەسپىنى زورايتىش غەيرىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى!» دېدى تۇراخان تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

  ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇمبۇتۇ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلۇش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردى. كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن باشقا، خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشىغا مەدەت بەردى، ھازىر 30 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىردى. نامراتلارنى يۆلەش قويى، نامراتلارنى يۆلەش كالىسى ياكى چۈجىلەر نامرات ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.

  بۇمبۇتۇ كەنتىنىڭ كۈن نۇرى بايلىقى مول، 2016- يىلى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى فوتوۋولتلىق توك چىقىرىش نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى كىرگۈزدى، بۇ تۈر شۇ يىلى تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ھازىر ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپىغا 140 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ بېرىۋاتىدۇ.

  تۈر ئارقىلىق يۆلەش بۇمبۇتۇ كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلۇشىنى كۈچلۈك تۈرتكە بىلەن تەمىنلىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى سىجىل ئىلتىماس قىلىپ، تېمىتىپ سۇغىرىلىدىغان يەر كۆلىمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتتى. 2018- يىلى، 18 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ 780 مو يېرىنى تېمىتىپ سۇغىرىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش تاماملاندى. پۈتۈن كەنتنىڭ بۇغداي مو بېشى ھوسۇلى 360 كىلوگىرامدىن 500 كىلوگىرامغا ئۆستى، كۆممىقوناقنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 900 كىلوگىرامدىن 1150 كىلوگىرامغا ئۆستى.

  ئەمىن ئۆيلەر سېلىندى، يول چىراغلىرى يورىدى، ئوپتىك تالالىق تور سىمى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى، كەنت ئاھالىلىرى يېڭى ئۆيلەردە ئولتۇردى، يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەتتا چەت، يىراقتىكى ئىككى چارۋىچىلىق نۇقتىسىغىمۇ تاشيول ياسىلىپ تۇتاشتۇرۇلدى.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ قولمۇ قول ياردەم بېرىشى ۋە يۆلىشىدە، كەنت ئاھالىلىرى مېۋىلىك كۆچەت تىكىشكە، كۆكتات تېرىشقا باشلىدى. ھەر قېتىمقى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال پەسلىدە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى ئاشپەزلىك، توكچىلىق قاتارلىق كەسپىي ماھارەتلەر بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى سىجىل ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللىگەنلىكتىن، جەمئىي 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كۆپ نۇقتىدىن كۈچەپ، يوچۇقلارنى تېپىپ كەمتۈكلۈك، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇپ، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش