تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21-نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خىزمىتىنى نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21- نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 4- ئاينىڭ 9- كۈنى، مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21- نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خىزمىتىنى نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21- نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سۇڭ داخەن، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ جاۋشىڭ نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلدى، يىغىنغا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21- نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سۇڭ داخەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق رايىنى مايىل قىلىش - مايىل قىلالماسلىق، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەخسۇس كۈرەشنى «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قويۇپ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  سۇڭ داخەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21- نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بۇ قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، نۇقتىلىق ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىك، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، چوڭقۇر قېزىپ تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش، تەشكىلىي قۇرۇلۇش ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىك قاتارلىق نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش مۇھىم نۇقتىلىرىنى چۆرىدەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت، شى - شەھەر ھەم ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ قېتىمقى كىرىپ ئورۇنلىشىپ نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى چوڭقۇر قېزىپ تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، ساھە، تارماقلارنىڭ تۈزەش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغاپ، بىر مەيدان قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش خەلق ئۇرۇشى قىلىشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەزنىڭ قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشقا قەتئىي ماسلىشىپ، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن مەسىلىلەرنى تىزىملىك بويىچە تولۇق قوبۇل قىلىپ، تولۇق تاپشۇرۇۋېلىپ، دەرھال چۈشىنىپ دەرھال ئۆزگەرتىپ، ماددىمۇماددا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاخىرغىچە تۇتۇشقا، تۈزىتىشنىڭ جايىدا بولۇشىغا، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا ۋاڭ جاۋشىڭ يەنە نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشقا ماسلىشىش، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش، شارائىت كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21- نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت بەنزىسى، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئالاقىدار ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ھەمدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ھەم بەنزىدىكى ئالاقىدار ئەزالار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى، باشقا ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سىن يىغىنى ئارقىلىق يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21- نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن بىر يېرىم ئاي بولىدۇ. نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش ۋاقتى (2019- يىلى 4- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە)دا تەسىس قىلىنغان مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 2382093، 2382092، 2382091—0991، مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھىرى B036 نومۇرلۇق پوچتا خەت ساندۇقى. نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 10:00دىن 22:00گىچە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپى ۋە نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21- نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىللىكلەرگە چېتىشلىق تەرەپلەردىكى خەت - چەك، تېلېفون ئارقىلىق پاش قىلىشلارنى قوبۇل قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.