تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز «تۆت چوڭ بىخەتەرلىك»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايدۇ

ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ۋە تېخنىكا مەدىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ۋاسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىش

ئاپتونوم رايونىمىز «تۆت چوڭ بىخەتەرلىك»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ ۋانىڭ 4- ئاينىڭ 9- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ دەۋا تەلەپ ئۇچۇرىدىن جەمئىي 281 مىڭ 400نى قوبۇل قىلىپ بېجىرىپ، ئىستېمالچىلار ئۈچۈن 101 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىياننى قايتۇرۇپ كەلگەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ۋە تېخنىكا مەدىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ۋاسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېمەكلىك، تېببىي دورا، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ۋە مەھسۇلات سۈپىتىدىن ئىبارەت «تۆت چوڭ بىخەتەرلىك»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قوغدايدۇ.

  يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئاۋام كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون «يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە يۇقىرى نۇقتىدىن يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش ۋە باھالاش، باھالاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم تۈگۈنلەردە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس تۈر بويىچە تۈزەش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ «تائام بىخەتەرلىكى»گە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  تېببىي دورا بىخەتەرلىكى جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز كۈندىلىك نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش بىلەن «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كۆپ تارماق بىرلىشىپ جازالاشنىڭ چۆچۈتۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋامنىڭ دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  لىفىت ئالاھىدە ئۈسكۈنە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلىدۇ. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى لىفىت 71 مىڭ 818گە يەتكەن، بۇنىڭ %80ىدىن كۆپرەكى ئادەم توشۇيدىغان لىفىت. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى ئەقلىي باشقۇرۇش سىستېمىسىنى داۋاملىق ئورنىتىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، لىفىت قاتارلىق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قوغداش، ئاسراش سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈزەش خىزمىتىنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ مەشغۇلات بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى جەھەتتە، ئاپتونوم رايوندىكى بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت ساھەسىدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە سۈپەت بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىدۇ. خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك 26 خىل ئىستېمال بۇيۇمىنى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق مەھسۇلاتلارنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بالىلار، ياشانغانلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئىشلىتىدىغان بۇيۇملار ۋە يېڭى تىپتىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى بويىچە ئۇقتۇرۇش قىلىش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە خەۋپ - خەتىرى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يېمەكلىك پىششىقلاش ماشىنىلىرى ھەمدە تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولغان يېمەكلىك خالتىسى، بىر قېتىملىق تاماق قاچىسى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ يېمەكلىك ئىستېمال بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇسۇلى جەھەتتە، تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۇتقا، ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تايانچ، «ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش» تىرەك قىلىنغان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇسۇلى يولغا قويۇلىدۇ. خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم قاتارلىق خەتىرى يۇقىرى كەسىپلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش - ئەسكەرتىش، نۇقتىلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، مەخسۇس تۈزەش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللار قوللىنىلىپ، تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىلىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسىغا تايىنىپ، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش، ئېلان قىلىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئاساسى مۇستەھكەملىنىپ، «بىر جايدا لەۋزىدە تۇرمىسا، ھەممە جايدا چەكلىمىگە ئۇچراش»تەك مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋەزىيىتى بەرپا قىلىنىدۇ. ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىپ قوللىنىش كۈچەيتىلىپ، بازارنى ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، «ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش» تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى