تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

قابا ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشىغا ياردەملىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى

    قابا ناھىيەسى كۆلباي بازىرى نال كەنتى دۆلەت ئورمان باغچىسى، 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ئاق قېيىن ئورمانلىقى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

    بۇ جاي بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ساياھەت ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى، قابا ناھىيەلىك سودا، پەن-تېخنىكا ۋە سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كۆلباي بازىرى نال كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كۆپ قېتىم يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، كەنتتە ھەقسىز جۇڭگوچە يېمەك-ئىچمەك ۋە غەربچە يېمەك-ئىچمەك ماھارىتى ئۆگىتىش كۇرسى ئاچتى ھەمدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 16 دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشىغا ياردەملەشتى.

  (ئالتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن مۇراتقان ئەنۋەرقان، لۈ فېڭپىڭ تەمىنلىگەن)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى