4-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تىيانشان تۆمۈر چوڭ جىلغىسى 3-نۆۋەتلىك لەگلەك ساياھەت بايرىمى باشلاندى، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى باھار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تىيانشان تۆمۈر چوڭ جىلغىسى 3-نۆۋەتلىك لەگلەك ساياھەت بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئەتىياز پەسىللىك تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى يەنىمۇ موللاشتۇرغان. بۇنىڭدىن كېيىن، ئونسۇ ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى نىشان قىلىپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ مول مەدەنىيەت ئاساسى ۋە ساياھەت بايلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىدىكەن.