تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى

شى جىنپىڭ پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دەل - دەرەخلەرنى ياخشى كۆرۈش، كۆچەت تىكىش، دەل - دەرەخلەرنى ئاسراش ياخشى ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

  سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دەيدىغان ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەڭ كۆلەمدە دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئورمانلاشقان شەھەر، ئورمانلاشقان يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، تۆت پەسىل دائىم يېشىل بولۇش، ھەر پەسىلدە گۈل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېشىل ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورماننى باشقۇرۇش، قوغداشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

4- ئاينىڭ 8- كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار بېيجىڭ شەھىرى تۇڭجوۋ رايونى يۇڭشۈن بازىرىغا كېلىپ پايتەختتىكى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە كۆچەت تىكمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار جاڭ شياۋسۇڭ، لىن خۇي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دەل - دەرەخلەرنى ياخشى كۆرۈش، كۆچەت تىكىش، دەل - دەرەخلەرنى ئاسراش ياخشى ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇمىي خەلق قول سېلىپ ئىشلەپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىپ، كەڭ كۆلەمدە دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  زېمىن باھار تۈسىگە كىرىپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار كوللېكتىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تۇڭجوۋ رايونى يۇڭشۈن بازىرىغا كېلىپ، پايتەختتىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  كۆچەت تىكىش نۇقتىسى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىدىكى لۈشىن شەھەر ئورمان باغچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 500 مو كېلىدۇ. بۇ يەردە ئەسلىدە خىمىيە سانائەت زاۋۇتى قاتارلىق ئەسلىھەلەر قۇرۇلغان، چېقىش - كۆچۈرۈش ئارقىلىق بوشىتىلغاندىن كېيىن، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كەلگۈسىدە ئامما ئارام ئېلىپ، سەيلە قىلىدىغان پائالىيەت سورۇنىغا ئايلىنىدۇ.

  ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا، شى جىنپىڭ گۈرجەكنى قولىغا ئېلىپ، كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا قاراپ ماڭدى. بۇ يەردە كۆچەت تىكىۋاتقان كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قولىنى پۇلاڭلىتىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، ئارقىدىن بېيجىڭ شەھىرى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمدە پايتەختتىكى كادىرلار، ئامما، پىيونېرلار بىلەن بىرلىكتە قولىغا گۈرجەك ئېلىپ، توپىنى بوشىتىپ ئورەك كولاپ، گىرۋەك چىقىرىپ سۇ قۇيۇپ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  مايلىق قارىغاي، تۇخۇمەك، ياپىلاق ئارچا، يۈلەن، خۇڭرۈيمۇ، يېشىل شاپتۇل... شى جىنپىڭ كەينى - كەينىدىن يەتتە تۈپ كۆچەت تىكتى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئەمگەك قىلغاچ، بىر تەرەپتىن يېنىدىكى پىيونېرلاردىن ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە تەنتەربىيە چېنىقىش ئەھۋاللىرىنى سوراپ، ئۇلارغا كىچىكىدىن باشلاپ تەبىئەتنى سۆيۈش، مۇھىتنى ئاسراش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆز قولىغا تايىنىپ، ۋەتەننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تاپىلىدى، ئۇلارنىڭ كىچىك كۆچەتكە ئوخشاش ساغلام چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  كۆچەت تىكىش نەق مەيدانى قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرىسىگە چۆمگەنىدى. ئەمگەككە قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلار كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە كۆچەت تىكىپ توپا سېلىپ، چېلەكتە سۇ توشۇپ سۇغاردى، ئارىلاپ - ئارىلاپ ئەتراپتىكى كادىرلار، ئامما بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىش، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش قارىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆچەت تىكىش ئارىلىقىدا، شى جىنپىڭ مەيداندىكى كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كۆچەت تىكىش بايرىمى تەسىس قىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئورمان كۆلىمى، ئورمان زاپىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىر ھەسسە ئەتراپىدا ئېشىپ، سۈنئىي ئورمان كۆلىمى پۈتۈن يەر شارى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى دۇنيادا باش ئورۇندا تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە قەرزى يەنىلا ناھايىتى زور، ئورمان كەمچىل، يېشىللىق ئاز، ئېكولوگىيە ئاجىز بولۇش يەنىلا زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن دەل - دەرەخلەرنى ياخشى كۆرۈش، كۆچەت تىكىش، دەل - دەرەخلەرنى ئاسراش ياخشى ئەنئەنىسىگە ئىگە. كۆپ ياققان ئوت كۆككە تۇتىشار، كۆپچىلىك كۆچەت تىكسە ئورمان بولار. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇمىي خەلق قول سېلىپ ئىشلەپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، قانات يايدۇرۇش كېرەك. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دەيدىغان ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەڭ كۆلەمدە دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئورمانلاشقان شەھەر، ئورمانلاشقان يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، تۆت پەسىل دائىم يېشىل بولۇش، ھەر پەسىلدە گۈل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېشىل ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورماننى باشقۇرۇش، قوغداشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى قاتارلىقلار كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى