تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يېشىل توسۇق» ئارقىلىق چۆل ئېكولوگىيەسى قوغدالدى

شىنجاڭ بىڭتۇەن سىجىل كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلدى

«يېشىل توسۇق» ئارقىلىق چۆل ئېكولوگىيەسى قوغدالدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر گاۋ خەن) 4- ئايدىكى شىنجاڭ باھار تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ دەل ۋاقتى ئىدى. ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ھەرقايسى تۇەن - چاڭلىرىدا ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.

  بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى قوغداش قۇرغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىڭتۇەننىڭ زور كۆپ ساندىكى تۇەن - چاڭلىرى قۇملۇق ئەتراپى ۋە چېگرا بويلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، قۇم - بوراننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرىدىغان، بوستانلىقنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىرىنچى توسۇق ھېسابلىنىدۇ.

  بىڭتۇەن 8- شىسى 150- تۇەنى قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن تۇەن ھەر يىلى 2000 مو يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، قۇملۇقتا ئورمان ئاساس قىلىنغان، ئورمان - چاتقال بىرلەشتۈرۈلگەن ئېكولوگىيەلىك قوغداش «يېشىل توسۇق»ى بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، قاتار - قاتار كەتكەن 100 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئورمان بەلباغلىرى خۇددى «يېشىل يا ئوق»لىرىغا ئوخشاش قۇملۇقنىڭ مەركىزىگە سانجىلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھەر يىلى ئەتىياز، كۈزدە، بىڭتۇەندىكى 100دىن ئارتۇق تۇەن - چاڭنىڭ ھەممىسى كەڭ كۆلەمدە كۆچەت تىكىپ، ئورمان بىنا قىلىپ، قۇملۇقنىڭ ئەتراپى ۋە چېگرا بىرىنچى سېپىنى چۆرىدەپ، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى، تەبىئىي ئورماننى مۇھاپىزەت قىلىش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ۋە چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئالغا سىلجىتىپ، قۇم - بوراننىڭ زىرائەت ۋە ئاھالىلەر رايونىغا ھۇجۇم قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلىغان. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى، شىنجاڭ بىڭتۇەن 289 مىڭ 500 مو كۆلەمدىكى ئورمان بىنا قىلىشنى تاماملىغان، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن بىنا قىلىنغان ئورمان 243 مىڭ 200 مو، ئورمانچىلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بويىچە تاماملانغان ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 144 مىڭ مو بولغان.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بىڭتۇەن كەڭ كۆلەمدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئارقىلىق، چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىگە قارىتا قۇملۇقنى قاشالاپ ئورمان يېتىشتۈرۈش، ئوت - چۆپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تەكلىماكان ۋە قۇربانتوڭغۇتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قۇملۇقنى چۆرىدەپ، تەدرىجىي ھالدا يېشىل ئېكولوگىيە بەلبېغى بەرپا قىلىپ، دەرەخ، چاتقال، ئوتلاق بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال ئىھاتە ئورمان سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى