تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

بىر سېغىن كالا نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى چېن يەنچياڭ، فۇ نىڭ

  4- ئاينىڭ 5- كۈنى، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسى قاراباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىلياس مويدىن مۇخبىرغا مۇنداق ھېساب - كىتاب قىلىپ بەردى: بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچ ئايدا ھەر ئايدا 7000 يۈەندىن كىرىم قىلدىم، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، يىللىق كىرىمىم 80 نەچچە مىڭ يۈەن بولىدۇ.

  نامرات ئائىلە «قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىغان ئىلياس ناھايىتى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئۈچۈن كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى داۋۇت مەمەتكە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇ مېنى سېغىن كالا بىلەن تەمىنلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشۇمغا ياردەم بەردى».

  قاراباغ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزەرىدە، داۋۇت تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولالايدىغان «قابىل ئادەم». بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن داۋۇت ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۆزلىرى ئۇيۇتقان قېتىقنى سېتىپ بېيىغان بولۇپ، كەنتتىكى ئەڭ بۇرۇن بېيىغانلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

  «بىز بىر ئائىلە بېيىساق بېيىغان ھېسابلانمايمىز، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ بىللە بېيىغاندىلا بېيىغان ھېسابلىنىمىز. بۇ مېنىڭ كۈرەش نىشانىم» دېدى داۋۇت.

  داۋۇت شۇ جايدىكى تونۇلغان مەرد ئادەم. كىمنىڭ بالىسى پۇل يوق سەۋەبلىك مەكتەپتە ئوقۇيالمىسا، ئۇ پۇل ئاپىرىپ بېرەتتى؛ كىمنىڭ ئۆيىدە ياشانغانلار كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىشقا پۇلى بولمىسا، ئۇ ياردەم قىلىپ داۋالىنىش ۋە دورا پۇلىنى تۆلەپ بېرەتتى؛ كىمنىڭ ئائىلىسىدە كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈزبەرسە، مەردلىك بىلەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرەتتى... ئۇ كەنتتىكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلاتتى.

  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ داۋۇت پۇل، ماددىي بۇيۇم بېرىش ئارقىلىق نامرات ئاممىنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقىنىلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما نامراتلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى.

  2014- يىلى، ھۆكۈمەت «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش»نى تەشەببۇس قىلدى. داۋۇت بۇنىڭدىن ئىلھام ئالدى: «قېتىق زاۋۇتى قۇرسام، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ!»

  2015- يىلىنىڭ بېشىدا، داۋۇت 1 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان «قاراباغ قېتىق زاۋۇتى» تىجارەت باشلىدى، قىيىنچىلىقى بار سەككىز كەنت ئاھالىسى قېتىق زاۋۇتىدا ئىشلەپ، ھەربىرى ئېيىغا 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىغان بولدى.

  داۋۇت بۇنى تېخى يېتەرلىك ئەمەس دەپ ھېس قىلىپ، نامرات ئاھالە ئىلياسنى تېپىپ مۇنداق دېدى: «داداڭ يىل بويى ئاغرىق ئازابى تارتىۋاتىدۇ، چىقىمىمۇ ناھايىتى كۆپ، سەن سېغىن كالا بېقىپ قېتىق زاۋۇتىنى سۈت بىلەن تەمىنلىسەڭ قانداق».

  ئىلياس ئوڭايسىزلىنىپ: «بۇ ئويىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇقكەن، لېكىن مېنىڭ كالا سېتىۋالغۇدەك پۇلۇم يوق! ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن كالا بېقىپ باقمىغان» دېدى.

  «مەن ساڭا كالا ئېلىپ بېرىمەن، سەن باقىسەن، بېقىشنى بىلمىسەڭ مەن ئۆگىتىمەن، ئاندىن مەن پۇل چىقىرىپ سۈتنى سېتىۋالىمەن، سەن ھەر ئايلىق كىرىمىڭگە ئاساسەن كالا سېتىۋالغان پۇلنى قايتۇرساڭلا بولىدۇ. پۇلنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كالا سېنىڭ بولىدۇ» دېدى داۋۇت. ئىلياس دەرھال خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى.

  2015- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، داۋۇت ئىلياسنى تۈركۈمگە بۆلۈپ قىممىتى 60 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان بەش سېغىن كالا بىلەن تەمىنلىدى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرى، ئىلياس كالا سېتىۋالغان پۇلنى قايتۇرۇپ بولۇپ، بېيىش يولىدا زور قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشكە باشلىدى.

  «كەنت ئاھالىلىرىدىن ئامانگۈل مەمەت، زاھىر مەسۈممۇ ئىلياسقا ئوخشاش بەشتىن كالا بېقىپ، كالا بىلەن تەمىنلەش، سۈتىنى يىغىۋېلىش، تېخنىكا ئۆگىتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى.» داۋۇت مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ بۇ ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمەن.

  «داۋۇت بېيىغاندا يۇرتداشلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى، بىر كالا بىلەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىگە تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورناتتى، بۇ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى يېڭى پىكىر يولى ۋە يېڭى ئۇسۇل» دېدى كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى دىلمۇرات مەخمۇت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش