تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىرون نۇسخىدىكى «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كىنىشكىسى»نى ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىدۇ

ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن قوشۇلۇپ «كىنىشكا،كارتا بىرلەشتۈرۈلىدۇ»

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كىنىشكىسى» بىلەن ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى قوشۇپ، «كىنىشكا، كارتىنى بىرلەشتۈرۈش» خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، ئېلېكتىرون نۇسخىدىكى «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كىنىشكىسى»نى ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشنى باشلىغان.

  «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كىنىشكىسى» ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىشسىز قېلىشىنى تىزىملاشنى بېجىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى بېكىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ مۇھىم ئىسپاتى، «كىنىشكا، كارتىنى بىرلەشتۈرۈش» دېگەنلىك ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىغا ئېلېكتىرون نۇسخىدىكى «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كىنىشكىسى»نى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. «كىنىشكا، كارتىنى بىرلەشتۈرۈش» خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىز قېلىشنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك يېشى ئىچىدە، ئەمگەك ئىقتىدارى بار، ئىشقا ئورۇنلىشىش تەلىپى بار، ئىشسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان شەھەر - بازارلاردا دائىملىق تۇرۇشلۇق خادىم(ئۇدا ئولتۇراقلىشىش ۋاقتى ئالتە ئايدىن ئاشقان)لار دائىملىق تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتىغا بېرىپ، «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كىنىشكىسى»نى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ئېلېكتىرون نۇسخىدىكى «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كىنىشكىسى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەمگەكچىلەر تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىمىسى ھەم ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، قەغەز نۇسخىدىكى ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىمىسىمۇ بولىدىكەن، پەقەت كارتا سۈركەپ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپلا، تۈرلۈك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تۈرلىرىنى بېجىرىپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق يۆلەش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، «بىر جايدا كارتا سۈركەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز قەغەز نۇسخىدىكى «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كىنىشكىسى»نى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان، تېخى كۈچتىن قالمىغان «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كىنىشكىسى» داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن بىللە ئىشلىتىلسە بولىدىكەن، ھەم تەدرىجىي ھالدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىغا ئالماشتۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى