تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز «ئالاقە تورى+ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى»نى تېز ئالغا سىلجىتتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 8- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تور ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى ئومۇميۈزلۈك تورغا چىقىرىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئالاقە تورى+ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى»نى تېز ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى ئىكەن.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز «توردا بېجىرىش پىرىنسىپ، تور سىرتىدا بېجىرىش ئايرىم ئەھۋال» تەلىپىگە قاتتىق ئاساسلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى تۈجۈپىلەپ تۈرگە ئايرىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ئەڭ زور چەكتە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى توردا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى تاشقى تورىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچۇر تورىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ياخشى ياساپ، ئاپتونوم رايوندا توردا ئىش بېجىرىشتە «بىر توردا ھەممىنى بېجىرىش»كە ئاساس سالىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بەزى مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنى، مەسىلەن، كارخانا قۇرۇش، قۇرۇلۇش تۈرىنى قۇرۇشقا يوللاش، كۆچمەس مۈلۈك سودىسىنى تىزىملاش، سۇ، توك، گازنى ئورنىتىشقا يوللاش، كىرېدىتقا ئېرىشىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئازايتىش، ئىش بېجىرىش ھالقىلىرىنى قىسقارتىش، تەستىقلاش ماتېرىياللىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يانداش ئۇلاپ تەستىقلاشنى يولغا قويۇپ، تەستىقلاش مۇددىتىنى قىسقارتىپ، تەستىقلاش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، ئەلالاشتۇرىدۇ.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاشتىكى «توسۇق نۇقتا» ۋە «قىيىن نۇقتا»لارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تەستىقلاش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق بولۇشنىڭ تۈگۈنىنى تېپىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋاقتىنى ھەقىقىي قىسقارتىدۇ، ئادەتتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ تەستىقلاش ۋاقتى 120 خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىلىدۇ، ئادەتتىكى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كەسپى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش خىزمەت كۈنىدە بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ، بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغان تىزىملاش ۋە كۆپ مىقدارلىق تىزىملاش 15 خىزمەت كۈنىدە بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ، پېچەتلەشنى تىزىملاش، باشقىچە پىكىرنى تىزىملاش كەسىپلىرىنىڭ ھەممىسى دەرھال بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى