تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

«ئەلرايى سومكىسى» ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى چىڭدىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ بىڭ، چى يىچۇ

  يانچە ئاسىدىغان ئاددىيغىنا يېشىل رەڭلىك رەخت سومكا ھەر دائىم بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ياشلىق خاتىرىسىنى ئەسلىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرىدا، بۇ پاسوندىكى سومكا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئارىسىدا قايتىدىن مودا بولۇپ، كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىشتىكى ئۆلچەملىك سەپلىمىگە ئايلاندى. شۇ جايدىكى ئامما بۇ پاسوندىكى سومكىنى ئاسقان كادىرلارنى سەمىمىيلىك بىلەن «سومكا ئاسقان كادىرلار» دەپ ئاتىدى: ئۇلار سىياسەتنى چۈشىنىدۇ، قىزغىن، ئەمەلىي ئىش بېجىرىدۇ، چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلالايدۇ.

  شويىڭپەن بازىرىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرى ۋە كەنت يوللىرىدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا، يېشىل رەڭلىك رەخت سومكىنى يانچە ئېسىۋالغانلارنى ئۇچراتسىڭىز، سومكىنىڭ ئالدى تەرىپىگە «بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرى ئەلرايى سومكىسى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان بولسىلا، سۈرۈشتۈرۈش ھاجەتسىزكى، ئۇلار چوقۇم شۇ جايدىكى كادىرلاردۇر.

  «ئەلرايى سومكىسى»نىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە توختالغاندا، شويىڭپەن بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى گالىت مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بازارلىق پارتكوم <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە شۇنى بايقىدىكى، شەھەردىكى ھەر قايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن كەنتكە ئەۋەتىلگەن بىر قىسىم كادىرلار ئۇزاقتىن بۇيان شەھەردە ياشاپ، ئورگانلاردا ئىشلەپ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، يېزا ۋە ئاممىۋى خىزمەت تەجرىبىسى كەمچىل بولۇپ، ئائىلىگە زىيارەتكە بارغاندا ئېلىۋالغان سىياسەت ماتېرىياللىرى تولۇق ئەمەس ئىدى، ئاممىنىڭ دەۋا تەلەپلىرىگە بەزىدە تولۇق جاۋاب بېرەلمەيتتى، ئامما ئىنكاس قىلغان قىيىنچىلىقلارنى تەپسلىي خاتىرىلىيەلمەيتتى، ۋاقتىدا ھەل قىلالمايتتى، بۇنىڭ بىلەن ئاممىنىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا بولغان ئىشەنچ دەرىجىسى سەل تۆۋەنلەپ قالغانىدى».

  بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2017- يىلى 5- ئايدا، شويىڭپەن بازارلىق پارتكوم تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، پۈتۈن بازاردىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق 22 خىزمەت ئەترىتىدىكى 130 نەچچە كادىرغا يانچە ئاسىدىغان يېشىل رەڭلىك رەخت سومكا سەپلەپ بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ قارارغا گۇۋاھچى بولغان شويىڭپەن بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى ما رۈيلىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى نۇرغۇن كادىر خىزمەت سومكىسىنى كۆتۈرۈپ كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلاتتى، بۇنىڭ بىلەن ئامما بىلەن بولغان ھېسسىيات ئارىلىقى يىراقلىشىپ كەتكەنىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت سومكىسى تار ۋە كىچىك بولغاچقا كۆپ ماتېرىيال پاتمايتتى. «ئەلرايى سومكىسى»نىڭ پاسونى ئاددىي، ئىچىمۇ چوڭ بولغاچقا، كادىرلار ئائىلىلەرگە بارغاندا سىياسەت توغرىسىدىكى سوئاللارغا تولۇق جاۋاب بېرەلمەسلىكتىن، تولۇق خاتىرىلىيەلمەسلىكتىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولدى.

  شويىڭپەن بازىرى نۇكتە كېرىم كەنتىدە، مۇخبىر كەنتتە تۇرۇشلۇق بىر كادىرنىڭ «گۆھەر ساندۇقى»غا ئوخشايدىغان «ئەلرايى سومكىسى»نى ئېچىپ كۆردى: ئۇنىڭدا ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى بىر چى كېلىدىغان، قېلىنلىقى بىر سۇڭ كېلىدىغان ئىككى ئەلرايى خاتىرىسى ۋە خىزمەت كۈندىلىك خاتىرىسى، بىر پارچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئۆلچەملىك قوللانمىسى، بىر پارچە ساغلاملىق قوللانمىسى، بىر پارچە جىددىي ۋەقەلەر خىزمەت قوللانمىسى، بىر پارچە «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى بىلىش قوللانمىسى»، بىر تال خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمەت كارتىسى، بىر يۈرۈش تەشۋىقات - لېكسىيە ماتېرىيالى، بىر بولاق دائىملىق دورا ۋە بىر تېلېفون نومۇرى دەپتىرى بار ئىدى.

  شويىڭپەن بازىرى ئوتبۇلاق كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى ليۇ چۈنشېڭنىڭ قارىشىچە، «ئەلرايى سومكىسى» ئۇنىڭ ئائىلىلەرگە بېرىپ ئەلرايىنى ئىگىلىشىگە قولايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە كەڭ ئاممىغا ئۆزىنىڭ جان - دىل بىلەن مۇلازىمەت قىلىدىغان مەسئۇلىيىتىنى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگەن. بورتالا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىن كەنتكە چۈشكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ «ئەلرايى سومكىسى»نى ئېسىپ، پۈتۈن كەنتتىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، قازاق، خەنزۇ قاتارلىق 299 ئائىلىلىك ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلدى.

  ئوتبۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەكبەر مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاسى بولسىلا، ليۇ چۈنشېڭ چامىنىڭ يېتىشىچە ھەل قىلىپ بەردى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىق قەرزى ئېلىشى، قوي - كالىلىرىغا سۇغۇرتا سېتىۋېلىشى، مال دوختۇرى تەكلىپ قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىش، قەھرىتان قىش كۈنلىرىدە كەنت ئاھالىسى مۇساجاننىڭ سۇ تۇرۇبىسىنى كېچىلەپ ئالماشتۇرۇپ رېمونت قىلىپ بېرىشقا ئوخشاش چوڭ - كىچىك ئىشلاردىن باشقا، كۆپچىلىكنى ھەممىدىن بەك رازى قىلغىنى شۇكى، ئۇ ئاممىۋى قاتناش تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، شويىڭپەن بازىرىنىڭ ئاپتوبۇس لىنىيەسىنى كەنتكىچە ئۇزارتتى، بۇنىڭ بىلەن بالىلار مەكتەپكە بېرىپ - كېلىشتە قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ باقمىدى.

  شويىڭپەن بازىرى بىنبۇلاق كەنتىدىكى پارنىكتا كۆكتات تېرىيدىغان دېھقان ليۇ خۇي بورتالا شەھەرلىك سودا ۋە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1- شۇجىسى لو لىڭخۇي ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، ئۆزىنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان پەسىلسىز شوخلا تېرىقچىلىقىدا دۇچ كەلگەن تېخنىكا قىيىنچىلىقىنى لو لىڭخۇينىڭ ئەلرايى كۈندىلىك خاتىرىسىگە خاتىرىلىۋالغانلىقىنى، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بازارنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى پارنىكقا تەكلىپ قىلىپ، نەق مەيداندا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

  كىچىك سومكا چوڭ رولىنى جارى قىلدۇردى. مۇخبىرنىڭ بورتالا شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 2017- يىلى 5- ئايدىن ھازىرغىچە، شويىڭپەن بازىرى «ئەلرايى سومكىسى» ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى چىڭداپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىدىن جەمئىي 257 پارچە قېتىمنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغان. 2017- يىلى پۈتۈن بازارنىڭ ئەرزىيەت سانى 29 پارچە بولۇپ، 2018- يىلى بۇ سانلىق مەلۇمات %63 تۆۋەنلىگەن. بۇ يىل، بورتالا شەھىرى پۈتۈن شەھەردىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق بارلىق خىزمەت ئەترەتلىرىدە «ئەلرايى سومكىسى»نى كېڭەيتىدىكەن.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى