تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئادىلە ۋە ئۇنىڭ «نىڭبو - كۇچا بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئاشخانىسى

ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ خوۋيۈن

  4- ئاينىڭ 2- كۈنى، مۇخبىر «نىڭبو - كۇچا بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئاشخانىسىغا كەلگەندە، ئادىلە يۇنۇس ۋە ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئاشخانىنى تازىلاۋاتقانلىقىنى، بىردەمدىلا پاكپاكىز يۇغۇشتۇرۇپ بولغانلىقىنى كۆردى.

  بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن ئادىلەنىڭ ئۆيى كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرى ئۆگەن كەنتىدە ئىدى. 2014- يىلى، ئادىلە ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ يېمەكلىك پىششىقلاش كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىندى. ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا، ئۇ سىنىپتىكى 15 ساۋاقدىشى بىلەن بىللە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدىكى كۇچا سارىيى ۋە تارىم ئاشخانىسىغا بېرىپ پىراكتىكا قىلدى.

  «دەسلەپتە ئاتا - ئانام بېرىشىمغا قوشۇلماي، قىز بالا ئۆيدىن ئايرىلىپ شۇنچە يىراق يەرگە كەتسە قىيالمايدىكەنمىز، دېگەنىدى. ئەمما بۇ بىرقانچە يىلدا نىڭبونىڭ كۇچانىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا بەرگەن خالىس ياردىمىنى ئاتا - ئانام ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، مېنىڭچە نىڭبولۇقلار بەك قابىلىيەتلىك، مەن ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئويلىدىم» دېدى ئادىلە ئەسلەپ.

  پىراكتىكا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ئاتا - ئانىسىنى قايىل قىلىپ شۇ يەردە ئاشخانىدا قېلىپ ئىشلىدى. ئىككى يىللىق ئىشلەمچىلىك تۇرمۇشىدا، ئادىلەگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى نىڭبولۇقلارنىڭ كۇچالىقلارغا بولغان غەمخورلۇقى بولدى. «بىر قېتىم ساۋاقدىشىم مۇزەپپەر يارىلىنىپ ئوپېراتسىيەگە 5000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تەييارلاشقا توغرا كەلدى، بىزنىڭ پۇلىمىز يوق ئىدى ھەم ئۆيدىكىلەرگە ئېيتىشقا پېتىنالمىدۇق. نىڭبولۇق ئىشداشلىرىمىز بۇنى بىلگەندىن كېيىن، مۇزەپپەرگە ئىئانە توپلاپ داۋالىنىش ھەققىنى تاپشۇرۇپ بەردى، مەن بۇنىڭدىن ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم».

  نىڭبو تىلغا ئېلىنسا، ئادىلەنىڭ ئەڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى ئۇنىڭ شېن دادىسى. بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن شېن لىڭجۈن نىڭبولۇق يەرلىك كىشى بولۇپ، بەش يىلنىڭ ئالدىدا كۇچاغا تەكشۈرۈشكە كەلگەن، ئۇ شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقى ۋە خىزمەت، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىدىن تەسىرلەنگەن.

  «ئەينى چاغدا مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى بىر ناۋاي ئۇستام، ئۇ 40 يىل مېھىر - شەپقەت نېنى ياققان، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن نان ئالغىلى كەلسىلا، ئۇلارغا ھەقسىز بەرگەن.» شېن لىڭجۈن قاتتىق تەسىرلىنىپ، شۇ جايغا بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.

  نىڭبوغا قايتقاندىن كېيىن، شېن لىڭجۈن نىڭبودا شىنجاڭ كۇچا سارىيى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ قوغۇنى قاتارلىقلارنى ساتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە تارىم ئاشخانىسى ئېچىپ، ئاساسلىقى پولۇ، لەڭمەن، كاۋاپ قاتارلىق ھەقىقىي شىنجاڭچە تائاملارنى چىقاردى. بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى شىنجاڭلىق ئىدى.

  شېن لىڭجۈن مۇنداق دېدى: مەن نىڭبو بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەل ئارا سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىشنى ئويلىدىم.

  ئادىلە نىڭبودا شېن لىڭجۈن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دادىسى بىلەن قۇرداش ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنى «شېن دادا» دەپ ئاتىدى. «مەن شېن دادامغا نىڭبوغا كېلىشتە ئۈچ نىشانىم بارلىقىنى: بىرىنچىدىن، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىككىنچىدىن، يۇرتۇمدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاچا - سىڭىللارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئۈچىنچىدىن، ئۆزۈمگە تەۋە بىر ئاشخانا ئېچىش ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم. شېن دادام مېنى بەك قوللىدى» دېدى ئادىلە كۈلۈپ تۇرۇپ. شۇنىڭدىن كېيىن، شېن لىڭجۈن دائىم ئادىلەگە ئاشخانا تىجارىتى تەجرىبىسىنى ئۆگىتىپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ تېز يېتىلىشىگە ياردەم بەردى، بۇنىڭ بىلەن ئادىلە تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلىدى.

  2016- يىلى 5- ئايدا، ئادىلە يۇرتى كۇچاغا قايتىپ كېلىپ، ئۆگەن كەنتىدە «نىڭبو - كۇچا بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئاشخانىسىنى ئاچتى. شېن دادىسى ئاشخانىغا ياردەملىشىپ بەزى پىلانلارنى تۈزۈپ بەردى ھەم كۇچالىق قىزى ئادىلەگە 30 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش پۇلى بەردى.

  «ئادىلەنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىدايدىغان خىسلىتى مېنىڭ ياش ۋاقتىمدىكىگە بەك ئوخشايدىكەن، ئۇنىڭ كىشىلىك ئارزۇسىنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» شېن لىڭجۈن ئادىلە بىلەن تەقدىرداشلىقىنى ھېس قىلدى، ياردەم قىلىپ يۆلەش ئارقىلىق ئادىلەنىڭ تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ھازىر، ئادىلەنىڭ «نىڭبو - كۇچا بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئاشخانىسىنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى شۇ يەردىكى ئاچا - سىڭىللار. ئادىلە تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلىرىنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئويلىدى. ئۇ يەنە مەبلەغ يېتەرلىك بولغاندا، ساتىراشخانا، مۇنچا قاتارلىقلارنى ئېچىپ، يېڭى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىلمىي، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەشنى پىلانلىدى.

      مۇھەررىرنىڭ باھاسى

      ئارزۇغا قانات كېرەك، ئادىلەنىڭ ئارزۇسىنىڭ قانىتى دەل «شېن دادا»نىڭ مۇھەببىتىدىن كەلگەن. باشقىلار ياردەمگە موھتاج بولغاندا، ياردەم قولىنى سۇنۇش ياردەمگە ئېرىشكۈچىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مۇھەببەت چوغىنى يالقۇنجىتىپ، يۇقىرى ئۆرلەش، ياخشىلىققا ئىنتىلىشنىڭ نۇرىنى چاچىدۇ. مېھىر - شەپقەت ۋە خەيرخاھلىق يەتكۈزگۈچى ئەخلاق نۇرى بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم بېرىش كىشىنى ئۆز ئارزۇسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدىنمۇ بەكرەك مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى