تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەتنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەش

− قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى لى جىنلۇڭ توغرىسىدا

مۇخبىرىمىز پەرىزات

   «ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشتە غەيرەت بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە ئۇسۇل - چارىگە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ».

   «ئىسلاھات مەھەللە كادىرلىرىغا ئاھالىلەرنىڭ ساداسىنى قانداق ئاڭلاشنى، يۈرەك سۆزىنى قانداق ئېيتىشنى، قەلبنى ئىللىتىدىغان ئىشلارنى قانداق قىلىشنى ئۆگەتتى».

  ئوتتۇرا بوي، ئايىغى چاققان، كىشىلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ، قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ جەرەنبۇلاق رايونى جۇڭشىڭ يولى كوچا باشقارمىسى دۆڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى لى جىنلۇڭنىڭ كىشىلەرگە بېرىدىغان تۇنجى تەسىرى. لى جىنلۇڭ تىلغا ئېلىنسىلا، دۆڭ مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى باش بارمىقىنى چىقىرىدۇ.

  دۆڭ مەھەللە 1850 ئائىلە، 4164 ئادەم بار چوڭ مەھەللە. لى جىنلۇڭ مەھەللىگە يېڭىلا چۈشكەن ۋاقىتتا، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بۇ ياش يىگىت دۆڭ مەھەللىگە قانچىلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدىغاندۇ؟ دەپ مۇنازىرە قىلىشقانىدى، مەھەللىدە ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇرغان لى جىنلۇڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.

  كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاش

  مەھەللىگە چۈشكەن دەسلەپكى مەزگىلدە، لى جىنلۇڭ مەھەللىنىڭ «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنى يېتەكلەپ مەنبەنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، ئىسلاھات ئېلىپ باردى: «پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرىدىغان» خىزمەت ھالىتىنى ئۆزگەرتىش، «ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان» خىزمەت ئىستىلىنى تۈزىتىش، «ئورۇقىنى قويۇپ، سېمىزىگە ئېسىلىدىغان» خىزمەت پوزىتسىيەسىنى ياخشىلاشتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، ئۆزى تاللاپ ئىشقا تەيىنلەش مېخانىزمى، يېپىق ھالقىلىق تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمى، مىقدارلاشتۇرۇپ نومۇر جەملەش مېخانىزمىنى يولغا قويدى.

  «ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشتە غەيرەت بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە ئۇسۇل - چارىگە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئىسلاھاتنىڭ مەقسىتى كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، خىزمەتلىرىمىزدە نەتىجە يارىتىش، دۆڭ مەھەللىدە ئۆزگىرىش ياساشتۇر» دېدى لى جىنلۇڭ.

  لى جىنلۇڭ ئالدى بىلەن ئىشقا تەيىنلەش تالونىنى بەلگىلەنگەن ھەرىكەت ۋە ئۆزى تاللاش ھەرىكىتىگە ئايرىدى، بەلگىلەنگەن ھەرىكەتتە مەھەللە «ئىككى كومىتېت»ى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئۆزى تاللاش ھەرىكىتىدە شەخس ئۆزى لايىھە ئويلاپ پىلان تۈزدى. مەخسۇس ئادەم بىرتۇتاش پىلانلىغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى كەچتە ئىشقا تەيىنلەش تالونىدىكى خىزمەتلەرنى تۈرلەر بويىچە مۇزاكىرە قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا خىزمەتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە خىزمەت مىقدارىغا ئاساسەن ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنىڭ جەملىمە نومۇرىنى بېكىتىپ، تەقسىم قىلىش ۋە ئۆزى تاللاش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇسۇل ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا سۇندى.

  «ياشانغانلار ئاممىۋى ئاپتوبۇس كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش ئىشىنى ئېلىپ ئېيتسام، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ماڭا مەخسۇس خەتلىرى چوڭ <كۆرسەتمە كارتا> يېزىپ بەردى، ئۇنىڭدا قانچە باسقۇچ بارلىقى، قاچان، نەگە بېرىپ كىمنى ئىزدىشىم كېرەكلىكى، ئەگەر زادىلا تاپالمىسام، ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ تۇرۇپ، مېنى باشلاپ بېرىپ، تاكى ئىشلار تولۇق ھەل بولغانغا قەدەر ياردەم بېرىدىغانلىقى ئېنىق يېزىلغان» دېدى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋەن دېڭيوۋ مەھەللە كادىرلىرىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ.

  «ئىسلاھات مەھەللە كادىرلىرىغا ئاھالىلەرنىڭ ساداسىنى قانداق ئاڭلاشنى، يۈرەك سۆزىنى قانداق ئېيتىشنى، قەلبنى ئىللىتىدىغان ئىشلارنى قانداق قىلىشنى ئۆگەتتى» دېدى لى جىنلۇڭ.

  «دۆڭ مەھەللىنى ئۆزگەرتىش» سۈپەتلىك ماركا مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش

  3- ئاينىڭ 16- كۈنى، دۆڭ مەھەللە مەيدانىدا، بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى خەير - ساخاۋەتكە ئاتاپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 300دىن ئارتۇق مەھەللە ئاھالىسى نەق مەيداندا ئېھتىياجلىق بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالدى، بىردەمدىلا 22 مىڭ يۈەنلىك نەرسە سېتىلدى. «ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن بىكار تۇرۇۋاتقان نەرسىلەر بار بولۇپ، تاشلىۋېتەي دېسە قورسىقى ئاغرىيدۇ، تاشلىۋەتمەي دېسە، جاي ئىگىلەپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز بىر قېتىملىق خەير - ساخاۋەتكە ئاتاپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق، سېتىلغان بۇيۇملاردىن يىغىلغان پۇلنى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ئىئانە قىلىمىز» دېدى لى جىنلۇڭ.

  «ئىللىق مىللەتلەر مۇھەببىتى، قويۇق 100 ئائىلىلىك زىياپەت» «ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنۈش ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى قەلبكە پۈكۈش»... لى جىنلۇڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۆپچىلىك چارە - ئامال ئويلاپ، «دۆڭ مەھەللىنى ئۆزگەرتىش» سۈپەتلىك ماركا مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھازىرغىچە، «دۆڭ مەھەللىنى ئۆزگەرتىش» مەدەنىيەت پائالىيىتى جەمئىي 11 قارار 43 مەيدان ئۆتكۈزۈلۈپ، 10 مىڭ ئادەم قېتىم پائالىيەتكە قاتناشتى. ھەربىر مەيدان پائالىيەت ئاھالىلەرنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى.

  مەھەللىگە چۈشكەندىن بۇيان، لى جىنلۇڭ مەھەللە «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىنى مەھەللىدىكى 300 مېتىر كېلىدىغان خەتەرلىك تامنى قايتا سېلىشقا ماسلاشتۇردى، مەھەللە پىدائىيلار ئەترىتىنى تامغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» باش تېمىسىدا 55 پارچە رەسىم سىزىشقا تەشكىللىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ خەتەرلىك، كونا بىر قەۋەتلىك ئۆيلەرنى چاقتى، بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇش چېقىلغان يەرلەرنى قايتىدىن پىلانلاپ، 900 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ياسىدى؛ مەھەللىدىكى 120 جۈپ قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىرلىكتە 144 تۈپ قارىياغاچ كۆچىتى تىكتى.

  نامرات ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىپ، مەھەللە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش

  ئاھالە تۇردى ئوسمان مەھەللىدىكى نامرات ئائىلە بولۇپ، مەبلەغ كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇ كاۋاپچىلىق ھۈنىرىنى ئىشلىتەلمەيۋاتاتتى. لى جىنلۇڭ بۇنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ۋاسىتىچى بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچى ياۋ بېنخۇانى ئىزدىدى. شۇنىڭ بىلەن «كىچىك ئانار دانىسى» كاۋاپخانىسى ئېچىلدى، تۇردى بىلەن ياۋ بېنخۇامۇ ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇپ قالدى.

  تۇردىغا ئوخشاش ئەخمەت ئابلىمىتمۇ لى جىنلۇڭنىڭ ياردىمىدە، دۆڭ مەھەللە يېنىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناۋايخانىسى» ئاچتى، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى.

  تۇردى مۇنداق دېدى: «كاۋاپخانىنىڭ تىجارىتىنىڭ بۇنداق ياخشى بولۇشى لى ئەترەت باشلىقىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھازىر مەنمۇ مەھەللە ئۈچۈن ئاز - تولا ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن».

  دۆڭ مەھەللىدە، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان تىپلار ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى.

  لى جىنلۇڭنىڭ باشچىلىقىدا، ھەر ئاينىڭ 16- كۈنى، دۆڭ مەھەللىدىكى تىجارەتچىلەر پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ پائالىيەت ئۇدا بىر يىل داۋاملاشتى، بۇنىڭ بىلەن پىدائىيلار ئەترىتىمۇ «قىزىل ئانار» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى دېگەن نامغا ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە، «قىزىل ئانار» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بارغانسېرى كۆپ ئاممىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا مۇھەببىتىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش