تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئاقسۇنىڭ مېۋىلىك بېغىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» مېۋە بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ئالىيە ئالىم، ئىختىيارىي مۇخبىر رامىلە): «ئەزىز، قاراڭ، بۇ شاخ ئارتۇقچە ئىكەن، يورۇقلۇقنى توسۇۋاپتۇ، ئالما ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ، ئۇنى كېسىۋېتەيلى...» 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، رەن ماۋلىن بىلەن شى خوۋمېي ئەزىز ئىدرىس ئائىلىسىنىڭ مېۋىلىك بېغىغا بېرىپ، ئۇنىڭ مېۋىلىك دەرەخلەرنى پۇتىشىغا ياردەم بەردى.

  2017-يىلى، رەن ماۋلىن ئەر-خوتۇن سىچۈەننىڭ گۇاڭئەندىن شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى ئېگەرچى يېزىسىنىڭ قوشتوغراق كەنتىگە كېلىپ بىر كونا مېۋىلىك باغنى ھۆددىگە ئالدى، باشقۇرۇشنى بىلمىگەنلىكتىن، شۇ يىلى ئېغىر زىيان تارتتى. ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالغاندا، قوشنىسى ئەزىز ياردەم قولىنى سۇنۇپ، رەن ماۋلىنغا پۇل ئۆتنە بېرىپ قەرز قايتۇرۇش قىيىن ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشىگە ياردەم قىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئۆزئارا ياردەمدە بولىدىغان بولدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەن ماۋلىن ئەر-خوتۇن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەمتەرلىك بىلەن مەسلىھەت سوراپ، كىتاب كۆرۈش، توردا ئۆگىنىش ئارقىلىق، دەسلەپتىكى «نائۇستا» دىن كەنتتىكى «يەرلىك مۇتەخەسسىس» كە ئايلاندى، ئۆيىدىكى مېۋە دەرەخلىرىنىمۇ بارغانسېرى ياخشى باشقۇرۇپ، يىراق-يېقىندا داڭقى بار بېيىش ماھىرىغا ئايلاندى. بېيىغان رەن ماۋلىننىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ياخشى قوشنىسى ئەزىز ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىشى بولۇپ، بوش ۋاقتى چىقسىلا ئۇنىڭ مېۋىلىك بېغىنى كۆرگىلى كېلىپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى.

  2018-يىلى، ئەزىز رەن ماۋلىننىڭ تەكلىپى بويىچە، مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىلمىي ئۇسۇلدا باشقۇردى، ھوسۇل ناھايىتى ياخشى بولۇپ، 5 مو يەردىن 10 توننا ئالما ھوسۇل ئالدى، بۇ دەل ئالما باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئۈلگۈرۈپ، يىللىق كىرىمى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، ئەزىز مىننەتدارلىق بىلەن:«رەن ماۋلىن ئەر-خوتۇن مېنىڭ تۇغقىنىمدەكلا، مېنىڭ ئىشىم چىققاندا ئۇلار ماڭا ياردەم قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشى چىققاندا بىز ياردەم قىلىمىز، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېدى.

  يېقىندا، ئەزىز بىر ئائىلىلىك يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئۇ ئالايىتەن رەن ماۋلىن بىر ئائىلىلىكنى يېڭى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. شى خوۋمېي بىر كەشتە كەشتىلەپ، «ئائىلەڭ ئىناق بولسا، ئىشىڭ روناق تاپار» دەپ ئىسىم قويۇپ، ئەزىز بىر ئائىلىلىككە سوۋغا قىلدى. ئىككى ئائىلىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى بۇرۇنلا كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ تەرىپىگە ئېرىشتى، كەنت ئاھالىسى مەمەت ئەلى ئۆمەر مۇنداق دېدى:«ئەزىز بىلەن رەن ماۋلىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى، بىز ئۇلاردىن ئۆگىنىمىز».

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى