تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئۆسۈملۈكلەردىكى «ئاۋۋال چېچەكلەپ ئارقىدىن يوپۇرماق چىقىرىش»نىڭ سىرى

  «يېشىل يوپۇرماق گۈلنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ»، چىرايلىق گۈللەر ياپيېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدا تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. ئەمما ئاجايىپ ئۆسۈملۈك پادىشاھلىقىدا، ھەممە گۈللەرنىڭ ئېچىلىشتىلا يوپۇرمىقى بىللە كەلمەيدۇ. باھارنىڭ سوغۇقىدا، بارچە گۈللەر گۈزەللىك تالىشىدىغان ۋاقىتتا، كۆزىتىشكە ماھىر ئادەملەر، بەزى دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى تاقىر بولسىمۇ، ئەمما پورەكلەپ ئېچىلغان چېچەكلەرگە تولغانلىقىنى، ھەتتا «گۈلى بار يوپۇرمىقى يوق» مەنزىرە شەكىللىنىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە تولغانلىقىنى بايقايدۇ.

  ئاۋۋال چېچەكلەپ ئارقىدىن يوپۇرماق چىقىرىش بىر قىسىم ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېچەكلەش ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ھەمىشە ئەتىرگۈل ئائىلىسى ۋە ماگنولىيە ئائىلىسىدىكى ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەردە كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن ئاق گۈللۈك ماگنولىيە، چىللىگۈل، سېرىس دەرىخى، باھار قۇچقاچ قاتارلىقلار ئاۋۋال چېچەكلەپ ئارقىدىن يوپۇرماق چىقىرىدىغان ئۆسۈملۈكلەردۇر. ئۇنداقتا قايسى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلى بىلەن يوپۇرمىقى بىرلا ۋاقىتتا ئۆسىدۇ؟

  بىزگە مەلۇم، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىخى ئۈچ خىل بولىدۇ: يوپۇرماق بىخى، گۈل بىخى ۋە ئارىلاش بىختىن ئىبارەت. يوپۇرماق بىخى ئەڭ ئاخىرىدا يېتىلىپ شاخقا ئايلىنىدۇ؛ گۈل بىخى گۈل ياكى گۈل رېتىغا ئايلىنىدۇ؛ ئارىلاش بىخ يېتىلىپ ھەم يوپۇرماق ئۆسىدىغان ھەم گۈل ئېچىلىدىغان شاخقا ئايلىنىدۇ، ئارىلاش بىخ يوپۇرماق ئاساسى، يان بىخ ئاساسى شۇنداقلا گۈل قىسمى ئاساسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سىرتقى شەكلىدىن قارىغاندا، ئارىلاش بىخ ۋە گۈل بىخى گۈل ياكى گۈل رېتىنىڭ پروتوتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن، سىلىق ۋە تومراق، يوپۇرماق بىخىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن بولىدۇ. بۇ بىخلار ئادەتتە ئالدىنقى يىلى كۈزدىلا شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ، قىش كېتىپ، باھار كەلگەندە، ھەر قايسى قىسىملاردىكى بىخلار ئاستا- ئاستا ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاۋۋال چېچەكلىشى ياكى ئاۋۋال يوپۇرماق چىقىرىشى ئۇلارنىڭ مۇھىت، كىلىماتقا بولغان تەلىپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

  ئاۋۋال چېچەكلەپ ئارقىدىن يوپۇرماق چىقىرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر، مەسىلەن ئاق گۈللۈك ماگنولىيەنىڭ گۈل بىخىنىڭ ئۆسۈشى ئېھتىياجلىق بولىدىغان تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن، يوپۇرماق بىخى ئېھتىياجلىق بولىدىغان تېمپېراتۇرا بىر قەدەر يۇقىرى. باش باھار مەزگىلىدە، تەدرىجىي ئىللىغان ھاۋا گەرچە يەنىلا ئازراق سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن گۈل بىخىنىڭ ئۆسۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، ئەمما يوپۇرماق بىخىنىڭ ئۆسۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن يوپۇرماق بىخى يەنىلا «مۆكۈپ» تۇرىدۇ، گۈل بىخى ئاۋۋال ئۆسۈپ، ئاۋۋال چېچەكلەپ ئارقىدىن يوپۇرماق چىقىرىشتەك ئەھۋال شەكىللىنىدۇ، چېچەكلەر تۆكۈلۈپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندىن كېيىن، شاخلاردا يۇمران يوپۇرماقلار ئۆسۈشكە باشلايدۇ.

  ئەكسىچە، ئاۋۋال يوپۇرماق چىقىرىپ ئارقىدىن چېچەكلەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر، مەسىلەن، ئالبىزىيە دەرىخى گۈل بىخىنىڭ تېمپېراتۇرىغا بولغان تەلىپى يوپۇرماق بىخىنىڭكىدىن يۇقىرى، شۇڭا ئۇنىڭ يوپۇرماق بىخىنىڭ ئۆسۈشى بىر قەدەر بالدۇر بولىدۇ، گۈللىرى ئېچىلىشتىن بۇرۇن يوپۇرماقلىرى باراقسان كۆكلەپ كېتىدۇ؛ يوپۇرماق بىخى بىلەن گۈل بىخىنىڭ تېمپېراتۇرىغا بولغان تەلىپى پەرقلەنمەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر، مەسىلەن، مەجنۇنتالنىڭ گۈلى بىلەن يوپۇرمىقى بىرلا ۋاقىتتا ئۆسۈپ، بىرلا ۋاقىتتا چېچەكلەپ يوپۇرماق چىقىرىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ، تاشئالمىمۇ بىرلا ۋاقىتتا چېچەكلەپ، يوپۇرماق چىقىرىدۇ.

  يۇقىرىدىكى باياندىن باشقا، يەنە بىر خىل قاراشتا مۇنداق دېيىلىدۇ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاۋۋال چېچەكلەپ ئارقىدىن يوپۇرماق چىقىرىشى گۈل چېڭىنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن. كۆپ قىسىم شامالدا چاڭلىشىدىغان چېچەكلەرنىڭ ھەممىسى «ئاۋۋال چېچەكلەيدىغان» ئۆسۈملۈككە تەۋە، شامالدا چاڭلىشىدىغان چېچەكلەرگە نىسبەتەن، «ئاۋۋال چېچەكلەش» ئارقىلىقمۇ يوپۇرماقنىڭ كاشىلىسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، گۈل چېڭى تېخىمۇ ئوڭايلا شاماللار تەرىپىدىن باشقا تۈپكە يەتكۈزۈلۈپ، چاڭلىشىدۇ.

  گۈل بىلەن يوپۇرماق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مۇھىم ئەزاسى، گۈل بىلەن يوپۇرماقنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئۆسۈشى ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوخشىماسلىقى باھارنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلغان.

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى