تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

  دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  4- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئاددىيلا يولغا چىقىپ، خوتەن ۋىلايىتىدە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو چىرا ناھىيەسىنىڭ شياۋكاڭ يېڭى رايونىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈلگەن ئاھالە گۈلچىمەن نۇر ئائىلىسىگە كېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئاددىيلا يولغا چىقىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسىدە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بوشاشماي، كەمتەر بولۇپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد يېڭى رايونى ئاياغچىلىق كەسىپلەر باغچىسى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسى تيەنجياڭ ئوقەتچىلىك شىركىتى گۆش توشقىنى باقمىچىلىق بازىسى، لوپ ناھىيەسىنىڭ چاچ بېزىكى كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش ۋە نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: كەسىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ تىرىكى. ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچە بازىرىدىكى ياڭاق سودا بازىرى ۋە گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسى لەڭگەر كۆل كەنتىنىڭ سۈپەتلىك ئانارلىق بېغىدا، چېن چۈەنگو خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىش، سېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىركەت + بازا + دېھقانلار ئائىلىسى ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سۈپەتلىك ماركىلارنى زورايتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىپ، يوللارنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ يىراق جايلارغا سېتىش، تېخىمۇ ياخشى سېتىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو يەنە نامرات ئاممىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چىرا ناھىيەسىنىڭ شياۋكاڭ يېڭى رايونىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن گۈلچىمەن نۇرنىڭ ئائىلىسىدە، چېن چۈەنگو گۈلچىمەن ئەر - خوتۇن بىلەن ئۇلارنىڭ كىرىمى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، سىرداشتى، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى، ئايدا 7000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدىغانلىقى، ئىككى بالىسىنىڭ كەنتتىكى يەسلىدە، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقى، ئائىلىسىنىڭ بۇلتۇر شەرەپ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، چېن چۈەنگو خۇشال ھالدا ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى. شياۋكاڭ يېڭى رايونىدىكى يەسلىگە كىرگەندە، جاراڭلىق بالىلار ناخشىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چېن چۈەنگو بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، يېمەك - ئىچمەك ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش تەمىناتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلارغا تاپىلاپ مۇنداق دېدى: بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ ياخشى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  چېن چۈەنگو يەنە خوتەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ۋە لوپ ناھىيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىگە كېلىپ، نامرات ئاممىنىڭ ماھارەت بىلەن تەربىيەلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاھالىنى ماھارەت بىلەن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ بېيىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ كۈچەيتىش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى، ئەڭ كۈچەپ ئىشلەيدىغان ۋاقىت كەلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئۇرغۇپ تۇرغان جاسارەت بىلەن دەل جايىدا كۈچەپ، ئۆتكەلگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىدىيەدە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە بىرلا غەيرەت قىلىپ پۈتتۈرۈش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۆلچەمگە دىققەتنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماي، ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەي، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەي، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق قىلماي، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەي، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەي، نىشاننى ئۆزگەرتمەي، نىشان مەركىزىنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تەدبىردە تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇش كېرەك. «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، «توققۇز ئېنىق بولۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئىز قوغلاپ ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ بىر كەنتنىڭمۇ، بىر ئادەمنىڭمۇ چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئىستىلدا تېخىمۇ پۇختا بولۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ساختا شەكىل»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «ھېسابات شەكلى»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «كۆرسەتكۈچ شەكلى»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «تۇراقسىز شەكىل»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بەشىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر - ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، سېلىنما سىستېمىسى، سەپەرۋەرلىك سىستېمىسى، نازارەت قىلىش سىستېمىسى، تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامرات ناھىيەلەرگە قارىتا نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، مەسئۇلىيەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، سىياسەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.