تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى ئاشۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، شى شىن

4- ئاينىڭ 6- كۈنى، ساياھەتچىلەر تۇرپان ئايرودۇرۇمىدىن چىقماقتا. پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى جايلار بىلەن بولغان ئارىلىقى زور دەرىجىدە «قىسقارتىلدى».

(سەي زېڭلې فوتوسى)

  ئىلاۋە

  نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتتى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدە بىر مەيدان كەڭ ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئىدىيەدىن ئەمەلىيەتكىچە پۈتۈنلەي يېڭى ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمەكتە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېز، پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىكى تەدبىر ۋە ئىلگىرىلەشلىرىنى تولۇق خەۋەر قىلىش؛ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنىڭ تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى قاتارلىقلارنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن، گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋر − يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» مەخسۇس ئىستونى ئېچىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشىگە ئورتاق گۇۋاھ بولىمىز.

  باھاردا دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار بىخ سۈرۈپ، تاغ - دالىلار گۈزەللىككە تولىدۇ. باھار شامىلى تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىنى سىيپاپ ئۆتكەندە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى بەس - بەستە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، چېچەك سەيلىسى قاتارلىقلار تەدرىجىي قىزىپ كەتتى، ھەرقايسى جايلاردا ساياھەتچىلەر كۆپ بولۇشتەك كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

  2018- يىلى، شىنجاڭنى ساياھەت قىلغانلار 150 مىليون ئادەم قېتىملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40تىن ئارتۇق ئاشتى. بۇ يىل، شىنجاڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئەۋزەللىكلەرنى كۈچەيتىپ، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ھالقىشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇ يىل ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى، ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %75.54 ۋە %80.84 ئېشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى ئاشۇرۇلدى.

  - كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىش

  قاتتىق يامغۇردىن كېيىن، يىراقتىكى تاغ غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. G218- لىنىيەسى دۆڭمازار - نارات يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرىدىكى 2000 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇشچى گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلىشقا بېرىلمەي، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلۇش قىلىپ، قۇرۇلۇشنى بالدۇرراق پۈتتۈرۈپ قاتناش باشلاشقا تىرىشىۋاتاتتى.

  «بىز 3- ئاينىڭ 29- كۈنى ئىشنى قايتا باشلىغانىدۇق، بۇ بىر نەچچە كۈندە يەنە يامغۇر ياغدى، ھاۋا ئازراق ئېچىلسىلا دەرھال ئىش باشلايمىز» دېدى بۇ تۈرنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ۋاڭ يۈتاۋ.

  ياسىلىۋاتقان بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 290نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىدىن نارات مەنزىرە رايونىغا بېرىشقا كېتىدىغان بەش سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۈچ سائەتكە قىسقىرايدۇ. تاشيول لىنىيەسىدە نارات مەنزىرە رايونى، تاڭبالا 100 چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى قاتارلىق 12 مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن يەرلىكنىڭ ساياھەتچىلىكىگە تۈرتكە بولۇش رولىغا گەپ كەتمەيدۇ.

  قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈك ئىزچىل شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تاشيول، تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى. «شىنجاڭنىڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھاجەتخانىغا كىرىش قىيىن بولۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، ماي قاچىلاش قىيىن بولۇش، ئالاقە سىگنالى راۋان بولماسلىق قاتارلىق ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت بىر - بىرلەپ بۇزۇپ تاشلىنىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى يەنە زور تەرەققىياتنى كۈتۈۋالىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەتكە مەركەز خامچوتى ئىچىدە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2019- يىللىق مەدەنىيەت - ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىگە مەركەز خامچوتىدىن 346 مىليون يۈەن مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇ، 2018- يىلى دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنى قوللىغان مەبلەغ سوممىسىدىن 155 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، تارىخىي يېڭى پەللە يارىتىلدى.

  ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش سالمىقى سىجىل زورايتىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاققىچە داۋام قىلىش كۈچى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى، مەدەنىيەت - ساياھەت قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ كەينى - كەينىدىن پۈتۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچ تېخىمۇ ئاشتى.

  - يېڭى كەسىپ ھالىتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى

  150 مىڭ مو يەردە بەس - بەستە ئېچىلىپ كەتكەن ئۆرۈك چېچەكلىرى يېڭىسار ناھىيەسىنى چېچەك «دېڭىزى»غا، ساياھەتچىلەر «دېڭىزى»غا ئايلاندۇردى. چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مىغ - مىغ ساياھەتچى چېچەك دېڭىزىنى سەيلە قىلىپلا قالماي، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ ھېس قىلدى − يەرلىك چېچەك سەيلىسى قىلىش، ساپال بۇيۇمى ياساش ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  «ساپال ياساش قارىماققا ناھايىتى ئاددىيدەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن تەس ئىكەن» دېدى ساپال ئۇستىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۇنجى ساپال ئەسىرىنى پۈتكۈزگەن شەندۇڭلۇق ساياھەتچى سۈن زىجيەن خۇشاللىقتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي.

  «ساياھەت + مەدەنىيەت» ئەندىزىسى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى قىزىتىۋەتتى. نەچچە كۈندىلا، بۇ ناھىيە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. «شىنجاڭ ياخشى جاي − 6- نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا چاغاننى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىلى ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسى»گە تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى 300 تۈرگە يېقىن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىغا شارائىت ياراتتى. بۇ يىل 3- ئايدىن 5- ئايغىچە بولغان ئەتىيازلىق ساياھەتتە، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى داۋاملىق كۈچەيتىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 342 مەيدان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  «ساياھەت +» شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلانماقتا. «ساياھەت + مەدەنىيەت» «ساياھەت + تەنتەربىيە» «ساياھەت + يېزا - كەنت» «ساياھەت + گېئولوگىيە» «ساياھەت + ھاۋا رايى» قاتارلىق ئەندىزىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى.

  - يېڭى تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى توپلىدى

  4- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى دەرۋازىسى ئالدىدا، بېلەت تەكشۈرۈش ئورنى يوق، بېلەت تەكشۈرىدىغان خىزمەتچىلەرمۇ يوق ئىدى، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىغا ئەركىن كىرىپ چىقىۋاتاتتى. بۇ، ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدىغان مەنزىرە رايونى ئىدى.

  «مەنزىرە رايونىدا ئىشىك بېلىتى ئېلىنمىغاچقا، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، بىز ھازىر ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز» دېدى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىلجان ئابدۇقادىر.

  ئىشىك بېلىتى كىرىمى دۆلەت ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي تىرىكى بولۇپ، شىنجاڭدىكى بەزى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ «ئىشىك بېلىتى ئىقتىسادى»نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان. «ئىشىك بېلىتى ئىقتىسادى»نىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلغاندىلا، ساياھەتچىلىك تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئېرىشەلەيدۇ.

  2018- يىلى، «ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق دۆلەت ئىلكىدىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» چىقىرىلىپ، قاناس، تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى قاتارلىق 49 نۇقتىلىق دۆلەت ئىلكىدىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسى ۋە رايون ئارا قاتنايدىغان ئاپتوموبىلنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەنلىتىلىپ، پۈتۈن بىر يىلدا ساياھەتچىلەرنىڭ 500 مىليون يۈەنگە يېقىن يۈكى يېنىكلىتىلدى.

  بۇ تەدبىردە باھا سىياسىتىدىن پايدىلىنىلىپ مەنزىرە رايونى تىجارىتىنىڭ كۆپ مەنبەلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلىكنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى بەس - بەستە ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتچىلىك يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، يېڭى تەرەققىيات ئۇسۇلى توغرىسىدا پائال ئىزدىنىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە «ئىشىك بېلىتى ئىقتىسادى»دىن قۇتۇلۇشقا، «مەنزىرە نۇقتىسى ساياھىتى»دىن «پۈتۈن رايون ساياھىتى»گە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجە ئۆستۈرۈپ راۋاجلىنىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، تۈركۈملەپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلانماقتا. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، بۇ مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلىك بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىۋاتقانلار 7000دىن ئاشىدىكەن، ساياھەتچىلىك بىلەن ۋاسىتىلىك شۇغۇللىنىۋاتقانلار 32 مىڭغا يېتىدىكەن، يەنە تېخىمۇ كۆپلىگەن دۇكانلار ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلىۋېتىپتۇ، ساياھەتچىلەر مىغ - مىغ مەنزىرە ھەرقايسى جايلار، بولۇپمۇ شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىۋېتىپتۇ، باشقا جايدىن كەلگەنلەر بىلەن يەرلىكلەر ھەمكارلىشىپ ئاچقان دۇكانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ. يېڭى ساياھەت كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەبلەغ سېلىش قىزىق نۇقتىسى تېز سۈرئەتتە شەكىللىنىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى