«خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ماڭا بۇ خىزمەتنى تونۇشتۇرغىنىغا كۆپ رەھمەت، مەن ھازىر ھەر ئايدا 3000 يۈەن مائاش ئالىمەن، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى نامرات ئاھالىلەر قاتارىدىن ئايرىلىمەن.» دېدى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، باي ناھىيەسى بۇلۇڭ يېزىسى ئۇسكەم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رىزۋانەم ھاياجانلانغان ھالدا.
رىزۋانەم ئۇسكەم كەنتىدىكى نامرات ئاھالە بولغاچقا، پات يېقىندا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان بالىسىنىڭ داشۆگە ئۆتكەندىن كېيىن ئوقۇش پۇلى تاپشۇرالماسلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىدىن ھەمىشە ئەنسىرەيتتى. باي ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋاللارنى ئۇققاندىن كىيىن دەرھال ئىدارە بىلەن ئالاقىلىشىپ، رىزۋانەم ۋە بۇ كەنتتىكى باشقا قىيىنچىلىقى بار ئىككى نامرات ئاھالىنىڭ بىرلىكتە كېرەكسىز نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش پونكىتىغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
ھازىر رىزۋانەمنىڭ مۇقىم كىرىمى بار بولدى، ئۇ ھەر قېتىم خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى كۆرگەندە خۇشال ھالدا، سىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىمغا ياردەم بېرىپ، بالامنىڭ داشۆدە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنىڭلارغا رەھمەت، دەيدۇ.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جىن چېنشى مۇنداق دېدى: تىرىشىپ «بىرمۇ ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىغا يول قويماسلىق، بىرمۇ ئائىلىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا ئارقىغا تارتىشىغا يول قويماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ خىزمەت نىشانىمىز.
(ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن گاۋ جېيې ، ياڭ يەنلى تەمىنلىگەن)