تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تەتقىقات: ھەر كۈنى بىرقانچە پارچە قارا شاكىلات يېيىشنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشكە پايدىسى بار

  [يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى] ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شاكىلات يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن يېقىندا بىر خۇش خەۋەر تارالغان. پورتۇگالىيە كوئىمبرا داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر ھەر كۈنى بىرقانچە پارچە قارا شاكىلات يەپ بەرسە، بىر ئاي ئىچىدە قان بېسىمى تۆۋەنلەيدىكەن. گەرچە سۈتلۈك شاكىلاتمۇ ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن كاكائۇ مىقدارى %90 بولغان قارا شاكىلاتنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، قارا شاكىلات تەركىبىدە كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ — فىلاۋائۇل مول ئىكەن. فىلاۋائۇل كىشىلەرنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى تەڭشەيدىكەن، ھەتتا يارىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدىكەن.

  بۇنىڭغا ئوخشاش تەتقىقاتلار ئادەتتە كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئوتتۇرا ياشلىقلارغا قارىتىلىدىكەن. بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، بۇ تۇنجى تۈركۈم ياشلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ئىكەن. شۇڭا، تەتقىقاتچىلار شاكىلاتنىڭ يۈرەككە بولغان پايدىلىق تەرىپى، ھەمدە ئەڭ ياخشى ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ شاكىلاتنىڭ يۈرەك ساغلاملىقى مەسىلىسىدىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئۇلار كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتتا قانداق قىلغاندا شاكىلاتنى كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەككە ماسلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ساقلىق ساقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا ئېتىبار بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى