4-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئولېمپىك چىمپىيونى، بېيجىڭ پىداگوگىكا داشۆسى تەنتەربىيە شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خې كېشىن (سولدىن 7-كىشى) بىلەن ھەرقايسى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى باشلىنىش مۇراسىمىدا «مەن ۋە ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنى ئورۇنلىماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چاۋ): شۇ كۈنى، 26-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو بايرىمى بېيجىڭ پىداگوگىكا داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت مەركىزىدە باشلاندى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىملىق كىنو بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە فىلىم قويۇش، ئىلمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
4-ئاينىڭ 7-كۈنى، باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئاكتيور سەنئەتكار تاۋ يۈلىڭ (ئوڭدىن 3-كىشى)، جۇ شىجۈەن (سولدىن 2-كىشى)، جەي جۈنجې (ئوڭدىن 2-كىشى)، يەن دەنچېن (ئوڭدىن 1-كىشى)، رېژىسسور لياڭ مىڭ (سولدىن 1-كىشى) نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار بىلەن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
4-ئاينىڭ 7-كۈنى، بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو بايرىمىنىڭ قۇت بۇيۇمى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.