4-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇاڭشى لوڭشىڭ خۇاڭلو ياۋزۇ مىللىتى تاغلىق كەنتىدىكى ياۋزۇ مىللىتى ئاممىسى سىرتتا ئۇزۇن چاچلىرىنى تارىماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ يىمىڭ): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭشى لوڭشىڭ ھەر مىللەت ئاپتونوم ناھىيەسى خۇاڭلو ياۋزۇ مىللىتى تاغلىق كەنتى ئاز سانلىق مىللەتلەر خاسلىقىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ساياھەت كەسپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن خۇڭياۋ ناخشا-ئۇسسۇلى، ئۇزۇن چاچ تاراش، خۇڭياۋ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى قاتارلىق خاس ساياھەتچىلىك تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، شۇ جايدىكى كۆپلىگەن ياۋزۇ مىللىتى ئاممىسى ساياھەت تەرەققىياتىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى. تونۇشتۇرۇلىشىچە، 2018-يىلى خۇاڭلو ياۋزۇ مىللىتى تاغلىق كەنتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر 150 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، ساياھەتچىلىك كىرىمى 7 مىليون يۈەندىن ئاشقان.
4-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇاڭشى لوڭشىڭ خۇاڭلو ياۋزۇ مىللىتى تاغلىق كەنتىدىكى ياۋزۇ مىللىتى ئاممىسى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرى ئورۇنلىماقتا.