4-ئاينىڭ 6-كۈنى، زامبىيە تۆۋەنكى كومفورت جىلغىسى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈر قۇرۇلۇشى مەيدانىدا، جۇڭگونىڭ 20-تۈركۈمدىكى زامبىيەگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى (مۇخبىر پېڭ لىجۈن): 4-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە، جۇڭگونىڭ 20-تۈركۈمدىكى زامبىيەگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى بىلەن 22-تۈركۈمدىكى زامبىيەگە ياردەم بېرىش ھەربىي دوختۇرلار گۇرۇپپىسى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ 2 سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، زامبىيە پايتەختى لۇساكادىن 90 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى تۆۋەنكى كومفورت جىلغىسى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈر قۇرۇلۇش مەيدانىغا بېرىپ، بىرلەشمە ئاممىۋى پاراۋانلىق بويىچە كېسەل كۆردى. بۇ قېتىمقى ئاممىۋى پاراۋانلىق بويىچە كېسەل كۆرۈشنى جۇڭگونىڭ زامبىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 30 دوختۇر 200گە يېقىن جۇڭگو-زامبىيە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈردى.
4-ئاينىڭ 6-كۈنى، زامبىيە تۆۋەنكى كومفورت جىلغىسى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈر قۇرۇلۇش مەيدانىدا، جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانا ئىشچىلىرى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى كۈتمەكتە.
4-ئاينىڭ 6-كۈنى، زامبىيە تۆۋەنكى كومفورت جىلغىسى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈر قۇرۇلۇش مەيدانىدا، 22-تۈركۈمدىكى زامبىيەگە ياردەم بېرىش ھەربىي دوختۇرلار گۇرۇپپىسى جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانا ئىشچىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمەكتە.