تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

چىڭمىڭدا باھار مەنزىرىسى بولدى ياخشى بۇ دەل كۆكلەم سەيلىسىنىڭ گۈزەل ۋاقتى

− چىڭمىڭلىق دەم ئېلىشتا تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيەتلىرىگە نەزەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

  كۆكلەم سەيلىسى قىلىش، چېچەكنى تاماشا قىلىش، لەگلەك ئۇچۇرۇش... چىڭمىڭ مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

  4- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى تۆمۈريول دۆلەت ساياھەت كوپىراتىپى بازار - سېتىش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ رۇڭخەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ساياھەت كوپىراتىپى ئۈچ كېچە، ئىككى كۈندۈزلۈك ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت مەھسۇلاتىنى يولغا قويغان. جاڭ رۇڭخەن مۇنداق دېدى: بىز كۈنەس ناھىيەسىنىڭ تۇرگۇن ئۆرۈك چېچىكى ساياھىتىنى ئاساس قىلىپ، قورغاس پورتى، شىبەلەر ئۆرپ - ئادەت باغچىسى، سايرام كۆلىدىن ئىبارەت ئۈچ ساياھەت لىنىيەسىنى يولغا قويدۇق، ھەربىر لىنىيەدە ساياھەتچىلەرنىڭ سانى توشۇپ كەتتى.

  باھاردا ھەممە مەۋجۇدات ئويغاندى، باغچىلار، دالىدا پىيادە مېڭىش يوللىرى چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىشتىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى دۇڭگوۋ يېزىسى بۇداۋ دەريا ۋادىسى ئىككىلەمچى ئورمان پىيادىلەر يولى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرىدىغان يەنە بىر مەيدانىغا ئايلاندى. «بۇ يەر شەھەرگە يىراق ئەمەس، ئەتراپتا يەنە دېھقانلار ئارامگاھلىرى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەرلەر ئارا پويىزى قاتنىدى، قاتناش، تاماق، ياتاق ناھايىتى قولايلىق» دېدى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جۇڭ مىڭ.

  دەم ئېلىش مەزگىلىدە خوتەن شەھىرىدىكى كوئېنلۇن كۆلى باغچىسىدا گۈللەر قىپقىزىل ئېچىلىپ، سۆگەتلەر كۆكەردى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى بۇ يەرگە كېلىپ كۆكلەم سەيلىسى قىلىشتى، لەگلەك ئۇچۇردى. تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، خوتەن شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ئۆرۈكلەر چېچەكلەپ، ئېتىزلارنى چېچەك دېڭىزىغا ئايلاندۇردى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەپ يېزىلارغا بېرىپ، چېچەكلەرنى تاماشا قىلىپ، سۈرەتكە چۈشتى.

  «كەلدى كۆكلەم، ئۇچتى قۇشلار كەلگەچ باھار،

  سىيپاپ ئۆتتى تال - سۆگەتنى شوخ شاماللار.

  شەرق شامىلىدا ئۇچۇرماق بوپ لەگلىكىنى،

  ئالدىرىدى مەكتەپتىن بالدۇر قايتقان بالىلار.» كۆكلەم سەيلىسى قىلىش، چېچەك سەيلىسى قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن باشقا، ھەرقايسى جايلار يەنە كۆپ خىل لەگلەك ئۇچۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.

  4- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ قۇملۇقتىكى گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىدا 3- نۆۋەتلىك لەگلەك بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. پائالىيەت مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر قۇملۇقتا بايلىق ئىزدەش، بېلىق تۇتۇش، مىللىي ئۆرپ - ئادەت تەنھەرىكىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.

  ئونسۇ ناھىيەسى تىيانشان تۆمۈر چوڭ جىلغىسىدا 3- نۆۋەتلىك چاقپەلەك لەگلەك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ھەر خىل لەگلەكلەرنى كۆرۈپلا قالماستىن، يەنە چاقپەلەكتىن تەركىب تاپقان تونېل، چاقپەلەك گۈللۈكى قاتارلىق گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

  4- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە مەركىزىدە «قاراماي شەھىرىنىڭ <3- ئاينىڭ 3- كۈنى> (دېھقانلار كالېندارى بويىچە) باھار سەيلىسى لەگلەك بايرىمى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. پائالىيەت چوڭ تىپتىكى لەگلەك كۆرگەزمىسى، چوڭ تىپتىكى لەگلەك ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى، شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەر نەق مەيداندا لەگلەك ياساش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جۇڭخۇا چىپاۋسى، چاي سەنئىتى، گۇجېڭ، گۇچىن، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئورۇنلاش پائالىيەتلىرى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى