تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ سېپىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدىن ئىلگىرى، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى.

  يىغىندا گاۋ فاشۈي، پەرھات جالال، ۋاڭ شۆلى، گۈلجاھان ھەسەن، زۇلھايات ئىسمائىل، جېلىل خېلىل، سەي شىيەن، جاڭ شىنشېڭ، دىڭ شوۋچىڭ قاتارلىق تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ سېپىدىكى ۋەكىللەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى تۈپ ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى تۇتۇش، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەننىڭ يىلتىزنى پەرۋىش قىلىپ، روھنى تاۋلايدىغان شەرەپلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ سېپىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە كەڭ زىيالىيلار پارتىيەگە سادىق، ۋەتەنگە سادىق، خەلققە سادىق، تامامەن ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن يولداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، سەمىمىي ھۆرمەت بىلدۈرىمەن.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتىكى بۇرچ، ۋەزىپىلەرنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۈردە يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە يەنىمۇ كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى زورايتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكىرنى مۇستەھكەملەش، زورايتىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ غايە - ئېتىقاد، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى جەھەتتە بىردەك زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ۋە شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان گۈزەل ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى، ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇش؛ نۇقتىلىق مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي قوش تىل مائارىپىنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، قوش تىل ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولىدىغان مېخانىزمنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەسلى مائارىپىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇپ، رايون ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيەنىڭ زىيالىيلار سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە تولۇق ئىشىنىش، ئىدىيە جەھەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكلەش، خىزمەت جەھەتتە شارائىت يارىتىپ بېرىش، تۇرمۇش جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە بىلىمنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار زىيالىيلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ يېقىن دوستى، چىن دوستى بولۇشى كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىيالىيلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىغا پايدىلىق تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، كەڭ زىيالىيلارنىڭ تالانتى ۋە ئېنېرگىيەسىنى تولۇق قويۇپ بېرىشىگە دادىل يول قويۇش كېرەك. كەڭ زىيالىيلارنىڭ دۆلەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، مىللەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئومۇمىي ۋەزىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئەڭ ئالىي يۈكسەكلىكنى قەلبىگە پۈكۈپ، باشتىن - ئاخىر توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.