تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئاقىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ» ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىكى يېڭى نورمال ھالەتكە ئايلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرى پاڭ بو خەۋەر قىلىدۇ: ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، دەل مىقداردا دورا چېچىش ئۇچۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ باردى؛ يەر يۈزىدە، چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە يەر تۈزلەش ماشىنىسى، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى قاتارلىق ماشىنىلار يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، بىرلىشىپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەشغۇلاتى ئېلىپ باردى... ئاقىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، «ئاقىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ» مەنزىرىسى بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدىكى يېڭى نورمال ھالەتكە ئايلاندى.

  4- ئاينىڭ 1- كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسى ئاقچىكە كەنتىدىكى بىر پارچە كېۋەزلىكتە، بۇ خىل «ئاقىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ» مەنزىرىسى كىشىلەرگە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ بەردى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ نەق مەيدانىدا، يەر ئاغدۇرۇش، تۈزلەش، سولياۋ يوپۇق يېپىش، ئۇرۇق سېلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان «ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىراكتور» ئارقىلىق تاماملاندى. ئىش تەرتىپى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، تىراكتور شۇئان ئاپتوماتىك مەشغۇلات ھالىتىگە كىرىپ، توغرىلاپ قويۇلغان لىنىيە بويىچە تەكشى سۈرئەتتە مەشغۇلات قىلدى. «بۇ يىل لوپنۇر ناھىيەسىدىكى 950 مىڭ مو كېۋەزلىكتە %100 ماشىنىلاشقان مەشغۇلات يولغا قويۇلۇپ، تېرىشتىن باشقۇرۇشقىچە، يەنە يىغىۋېلىشقىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى <باش رولچى> بولدى» دېدى لوپنۇر ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ شياۋدۇڭ.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا بويىچە ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش سىستېمىسى، ئالدىنى ئېلىش - تېرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، چوڭ تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پاختا يىغىۋېلىش ماشىنىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى. پۈتۈن ئوبلاستتا 4 مىليون 898 مىڭ 100 مو كۆلەمدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇپ، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەزنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %100، %100 ۋە %97كە يەتتى.

  سانجى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گو خۈەيئەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2018- يىلى سانجى ئوبلاستىدا ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %95.5كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 27.82 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭكىدىن 10.82 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، «مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇن، شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى قاتار»دىكى تەرەققىيات سەۋىيەسىدە تۇردى. بۇ يىل سانجى ئوبلاستى «ئالاقە تورى + يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى» ئەندىزىسىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش، دەل مىقداردا ئۇرۇق سېلىش، دەل جايىدا ئوغۇتلاش، دەل دورا چېچىش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرىدىغان تېخنىكىلارنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرىدۇ، پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىش نىسبىتىنى %95تىن ئاشۇرىدۇ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش مەشغۇلات كۆلىمىنى 3 مىليون موغا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش كۆلىمىنى 1 مىليون موغا يەتكۈزىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىشنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى %84.68كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 17 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ ئاپتونوم رايونىمىز(يەرلىك)دىكى پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىش كۆلىمى 10 مىليون 800 مىڭ موغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشقان.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئومۇميۈزلۈك ماشىنىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا جابدۇقلىرى تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن 2 مىليون مو قۇرۇپ، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ماشىنىلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى كۆلىمىنى 2 مىليون 100 مىڭ موغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى. سۇ تېجەپ سۇغىرىش، تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى، چوڭقۇر بوشىتىش - چوڭقۇر ئاغدۇرۇش، شاخ - شۇمبىلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، قالدۇق يوپۇقلارنى يىغىۋېلىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆسۈملۈك ئاسراش قاتارلىقلاردىكى ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى نۇقتىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى