تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى. بۇ يىل، شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش بويىچە «باھار شامىلى ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى مەخسۇس ھەرىكىتى پائالىيىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە قول سېلىپ، تۈرلۈك ئامال-چارىلەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى 22 نامرات ناھىيە شەھەردىكى نامرات ئاھالىلەر، ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئالدىن ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، كۈچلۈك تەدبىرلەر قوللىنىپ، شەھەر، يېزىلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، بىرىنچى پەسىلدە شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 153 مىڭ 200 ئادەمگە ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 526 مىڭ 600 ئادەمگە يەتكەن. ئاپتونوم رايون بويىچە 128 مىڭ كىشى تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىمىسى سىياسەتلىرىدىن بەھرىلەنگەن، ئەمەلىيلەشكەن تولۇقلىما سوممىسى 406 مىليون يۈەن بولغان. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىم ئېشىش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا پائال ياخشى، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشتەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

    بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن. 1- پەسىلدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ شەھەر - بازارلىرىدىكى 45 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 مىڭ 300 ئادەم كۆپىيىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.52 ئاشقان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەردىن تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 18 مىڭ 107 ئادەم بولۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %45.27ى ئورۇندالغان.

    دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق پايدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ئۈچىنچى كەسپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنى جەلپ قىلىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلانغان. بىرىنچى پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدە تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق 8387 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ليۇ جۈنچاڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ يەنە داۋاملىق «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچەپ، شەھەر، يېزىلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم، سىجىل، ئۇزاق مۇددەت ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى