نىيە ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئوسمانجان ئىسمايىل
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئوخشاش مەقسەتتە، ئوخشاش يۆنىلىشتە، ئوخشاش قەدەمدە بولۇپ، ئوخشاش كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان پەيتتە، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، جانغا زامىن بولىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشىغا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى.
كەينى - كەينىدىن يۈزبەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىدىن مەن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تۈپ مەنبە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يەتتىم. قانلىق پاكىتلار بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، «ئۈچ خىل كۈچ» جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى قىلمىش، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاڭلىقلىقىمنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قەتئىي ھالدا باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلامچىسى بولىمەن.
بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتتە، مەن تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ماھىيىتى ھەم خەۋپىنى ئېنىق تونۇپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا پائال يېتەكلەيمەن. پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى، پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا قىلغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى دوستانە ھېسسىيات، ئۆزئارا ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىسى ۋە ئۈلگىسى بولىمەن. مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، سادىق بولۇش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتچانلىقنى شەرھلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بارلىق كۈچۈمنى قوشىمەن.