تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك

لى پېڭشىن خوتەن شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن خوتەن شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆتكە مۇلازىمەت قىلىش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، تىرىشىپ ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  لى پېڭشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن شەھىرى لەنتيەن يەسلىسى، خوتەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، خوتەن شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومى، خوتەن سىفەن ئالىي تېخنىكومىغا بېرىپ، دەرسخانا، تەجرىبىخانا، ئاشخانا قاتارلىقلارغا كىرىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئوقۇش - ئوقۇتۇش، ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مائارىپ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى، كىشى قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كىشىلىك پەزىلەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادەم كۈچىنى قېزىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، خەلققە بەخت يارىتىشنى خىزمەت نىشانى قىلىپ، خوتەننىڭ مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى بىر گەۋدە قىلىنغان ئەخلاق تەربىيەسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش - ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپىنى ياخشى تۇتۇپ، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق پەنلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپتا خوتەننىڭ كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەش ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، كۆپ خىللاشقان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، تېخنىكا، ماھارەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىدىيەسىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ماھارىتىنى چېنىقتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشى، ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. يەسلى مائارىپىدا مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، بالىلارنى ئويۇن، پائالىيەت جەريانىدا ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئېچىش، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يەسلىلەر «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» خاھىشىنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ۋە ئىشلىتىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تىرىشىپ سىياسىي ساپاسى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، كەسپىي ئىقتىدارى كامالەتكە يەتكەن، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى يۇقىرى، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشقا ئىرادە باغلىغان يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشىنى باشقۇرۇش، مەكتەپ ئارقا سەپ تەمىناتىنى باشقۇرۇش ۋە مەكتەپنىڭ مۇقىملىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش، بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەر، قۇۋۋەتلىك، ساغلام ئوزۇقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە بايرىقىنى مائارىپ سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى