تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

10 مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىن خەت ئالاقىسى قىلىپ «قول تۇتۇشۇش»

جياڭشىنىڭ فۇجوۋ بىلەن شىنجاڭنىڭ كەلپىندىكى ئوقۇغۇچىلار −

10 مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىن خەت ئالاقىسى قىلىپ «قول تۇتۇشۇش»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

  «گەرچە بىز كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ، سەن بىلەن دوست بولغۇم بار...»

  «بىزنىڭ مەكتىپىمىز بىلەن سىلەرنىڭ مەكتىپىڭلار <قول تۇتۇشۇش> پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ پائالىيەتنىڭ ئارىلىقىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇشىنى، سىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز...»

  4- ئاينىڭ 3- كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ فۇجوۋ شەھىرى لىنچۈەن رايونىدىكى 12- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بالىلىرى تاقەتسىزلىك بىلەن شىنجاڭدىن كەلگەن جاۋاب خەتنى ئاچتى، خەتتە قىزغىنلىق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

  جاۋاب خەتنى كەلپىن ناھىيەسىدىكى ئاچال بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 4- يىللىق ۋە 5- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى يازغانىدى. تەخمىنەن يېرىم ئاي ئىلگىرى، فۇجوۋ شەھىرىنىڭ لىنچۈەن رايونىدىكى 12- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىق 6- سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى دېڭ لىخۇانىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن، 10 مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە خەت يازدى. دېڭ لىخۇا بۇ خەتلەرنى ئاچال بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گو پىڭغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن ئاچال بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئۆتۈندى.

  «5- يىللىقنىڭ 2- قىسىم ئەدەبىيات دەرسلىكىدە <يىراقتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا خەت يېزىش> يېزىقچىلىق مەشىقى بار، مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خەت يېزىشىنى تەشەببۇس قىلدىم، ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى قىزغىن بولدى» دېدى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دېڭ لىخۇا مۇخبىرغا.

  ئۇلار نېمە ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خەت يېزىشنى تاللىدى؟ بۇنى بىر قېتىملىق مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ھەرىكىتىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  بۇلتۇر 5- ئايدا، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان دېڭ لىخۇا بىر ئۈندىدار توپىدا، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىدە ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزۈپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شىنجاڭنىڭ كەلپىن ناھىيەسىگە خىزمەت قىلغىلى بارغان گو پىڭنىڭ ئىئانە توپلاش تەشەببۇسى چىقىرىپ، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىدىكى مەكتەپداشلىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىپ، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال بازىرىغا قاراشلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە كىتاب ۋە ئويۇنچۇق ئىئانە قىلىپ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى كۆردى.

  دېڭ لىخۇا تورغا چىقىپ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئېغىر نامرات ناھىيە ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنىڭ تەشەببۇس قىلغۇچىسى گو پىڭ 2016- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن بېيجىڭدىكى ئەۋزەل خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىدىن ۋاز كېچىپ، قەتئىيلىك بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تاللىدى ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن نىسبەتەن جاپالىق كەلپىن ناھىيەسىگە بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ ئۈمىدلىك نەزەرى، چېگرادىكى نامرات رايونلارغا تۆھپە قوشۇۋاتقان گو پىڭ قاتارلىق نۇرغۇن كادىرنىڭ ھېسسىياتىدىن دېڭ لىخۇا ئاچال بازىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىش قارارىغا كەلدى.

  مېھرىبانلىق فۇجوۋ شەھىرىنىڭ لىنچۈەن رايونىدىن تارقالدى، چىن مۇھەببەت ئاچال بازىرىغا توپلاندى. بۇلتۇر 5- ئايدىن 8- ئايغىچە، گو پىڭ ئۈچ قېتىم دېڭ لىخۇا ئەۋەتكەن لىنچۈەندىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەر ئىئانە قىلغان يېڭى كىتاب، ئويۇنچۇق ۋە كىيىم - كېچەكلەرنى تاپشۇرۇۋالدى.

  تاغ - دەريالار ئايرىپ تۇرىدىغان، يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان، تېلېفوندا سۆزلىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئاچال بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار دېڭ لىخۇا قاتارلىق مېھرىبان كىشىلەردىن مىننەتدار بولدى. ئاچال بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۇلارغا ياردەم بەرگەن كىشىلەرگىچە كېڭەيدى.

  دېڭ لىخۇانىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن خەت كەلگەندىن كېيىن، ئاچال بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى فۇجوۋنى يەنىمۇ چۈشەندى. فۇجوۋ شەھىرى لىنچۈەن رايونىدىكى 12- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ليۇ لوخەن خېتىدە فۇجوۋ شەھىرىدىكى تاڭ شيەنزۇ خاتىرە سارىيى ۋە رۇشۈي ئورمان باغچىسىنى تونۇشتۇرۇپ، ئاچال بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پۇرسەت بولسا فۇجوۋغا كېلىپ ئويناپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەت ئالاقىسى ئارقىلىق، ليۇ لوخەن ۋە ساۋاقداشلىرى كەلپىن ناھىيەسى توغرىسىدا مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

  ئاچال بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىسى لى شياۋفېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ مەكتەپتە 790دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار، ئوقۇغۇچىلار فۇجوۋ شەھىرىنىڭ لىنچۈەن رايونىدىكى 12- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خەت ئالاقىسى قىلىپ، «قول تۇتۇشۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە بىلىمگە ۋە دوستلۇققا ئېرىشتى، بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى