تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بۆلىكىدە قار تازىلاش خىزمىتى باشلاندى ‏

  مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاڭ شياۋلەن خەۋىرى، فوتوسى: بىر يىلدا 7 ئايغا يېقىن ۋاقىت قاتناش ئېتىۋېتىلىدۇ، قاتناش ئېچىلسىلا كىشىلەرنى جەلپ قىلىدۇ! بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول دەپ نام ئالغان مايتاغ-كۇچا تاشيولى. يېقىندا، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قار تازىلاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، پەسىل خاراكتېرلىك ئېتىۋېتىلگەن مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا ئۆز قەرەلىدە قاتناش باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  مايتاغ-كۇچا تاشيولى ئۈرۈمچى شەھىرىگە 300 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، تىيانشان تېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان، جەنۇب شىمال يۆنىلىشىدە بولۇپ، شىمالدا مايتاغ G217 لىنىيەسىدىن جەنۇبتا كۇچا G217 لىنىيەسىگىچە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاپتوموبىل ھەيدەپ يەككە مۇساپىنى بېسىپ بولۇش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 12 سائەت كېتىدۇ.

  ھەر يىلى ياز پەسلىدە، مايتاغ-كۇچا تاشيولى شىمالىي شىنجاڭدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا ساياھەتكە بارىدىغان ئەڭ ياخشى لىنىيە. بۇلتۇر مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا يازدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى قاتناش مىقدارى 7 مىڭ ئاپتوموبىلغا يەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بارلىق قار تازىلاش خىزمەتلىرى يەنە داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرى تاماملاش مۆلچەرلەنگەن. كونكرېت قاتناش باشلاش ۋاقتىنى ئالاقدار تارماقلار ھاۋارايى ئەھۋالى، قاتناش شارائىتلىرىغا ئاساسەن ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى