تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قول تۇتۇشۇپ گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى ئورتاق گۈللەندۈرىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى نىجات ياسىن

  شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. شىنجاڭ رايونى ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ يۇرت - ماكانى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق يۇرت - ماكانىنىڭ تەركىبىي قىسمى. جۇڭخۇا مىللىتى 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق گۈللىنىپ روناق تاپقان سوتسىيالىستىك ۋەتەن قۇرۇپ چىقىشتا قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە چەكسىز غەمخورلۇق قىلدى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇ باش نىشانىنى بېكىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي - ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىۋاتىدۇ.

  ئەگەر ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى دېڭىز دېسەك، مەن شۇ دېڭىزنىڭ بىر تامچىسى؛ ئەگەر ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى ئانا دېسەك، مەن شۇ ئانا بېقىپ چوڭ قىلغان بالا، مەن ئۇنىڭ ئىللىق قوينىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدىم. مەن پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

  «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. مەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  كەسكىن، مۇرەككەپ مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى ئالدىدا، پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز جەزمەن ھەر مىللەت ئاممىنى تەربىيەلەيدىغان، يېتەكلەيدىغان مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە، بېيىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشىگە، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. مەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە، خىزمەت ئەترىتى كەنت كادىرلىرى ئەتىگەنلىك كۇرسى، ياشلار كەچلىك كۇرسى، شەنبىلىك بالىلار ئائىلىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلىملىرى كۇرسى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، ئاممىنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى، ئۇلارنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى. بىر يىل ۋاقىتتا، كۆپچىلىكنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئاممىنىڭ قانۇن ۋە ھەر خىل يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، روھىي قىياپىتىدىمۇ روشەن ئۆزگىرىش بولدى.

  مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىز رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەربىيەلەش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسەكلا، ھەر مىللەت ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىدىغان، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىدىغان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، چىن قەلبىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىپ، كۈچلۈك ئەلرايى بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى ئورتاق گۈللەندۈرەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى