تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق روياپقا چىقىرايلى

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق روياپقا چىقىرايلى

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى

4- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاپتونوم رايون مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

      شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش چۆرىدىلىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدىن بۇرۇن، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان ۋە ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدىن كەلگەن ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ، سەمىمىي پاراڭلاشتى.

  سۆھبەت يىغىنىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن بولدى، يىغىنغا قاتناشقانلار ئۆز خىزمىتى ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى، تەكلىپلەرنى بەردى، كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئازادە ئېيتىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدى. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن، ئالىمجان، ليۇ جيەنگو، جۇماتاي قاجىباي، فېڭ يۇڭشيۇ، سۇبتا، ئايپار ئەسقەر، پاتىمە ماخمۇت قاتارلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولدى، ئىقتىساد راۋاجلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولدى، دىنلار ئىناق بولدى، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى، بىز شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ چوقۇم پورەكلەپ ئېچىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.

  چېن چۈەنگو ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، مۇزاكىرە قىلدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى ئورتاق ئاچقان، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقان، ۋەتەننىڭ گۈللىنىپ، راۋاجلىنىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغان.

  ئىككىنچىدىن، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشتەك توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدا، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى قوغداپ ۋە ھۆرمەت قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى كەمسىتىدىغان ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ كەمسىتىدىغان، مىللىي ھېسسىياتقا زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەرنى قەتئىي تۈزىتىش ۋە توسۇش كېرەك. مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئىگىلىك تىكلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەت ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش، يېتىلدۈرۈش، يۇغۇرۇش خىزمىتىنى بىللە ئىشلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات - تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا يول قويۇپ، ئۆزئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.