تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنىڭ توردا نام چىقارغان بۇ جايلىرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈشنىڭ ياخشى پەيتىنى قولدىن بەرمەڭ

  3-ئاينىڭ 30-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن شەھەرنى ئېچىش مۇراسىمى زور بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  ھازىر، تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى رايونلار قويۇق باھار تۈسىگە كىردى، يىپەك يولى قەدىمىي كوچىسىدىكى قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى، ئونسۇ ناھىيىسى تومور چوڭ جىلغىسى قاتارلىق جايلار كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلب قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى)

  3-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچى لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا لەگلەك ئۇچارماقتا.

  ئۇدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى ساياھەتنىڭ كىچىك يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر مىڭ يىللىق توغراق ئاستىدا بەخىت تىلىدى، خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئات ئۈستىدە ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت ماھارەتلىرىنى كۆردى، چېكى يوقتەك كۆرۈنىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىدا رەڭگارەڭ لەگلەكلەرنى ئۇچۇرۇپ، ئەتىيازدىكى قۇملۇق جىلۋىسىنى ھېس قىلدى.

  3-ئاينىڭ 30-كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسى يېڭىسار بازىرى ئۇزۇنبۇلاق كەنتىدىكى دېھقان ئۆرۈك دەرىخىنىڭ گۈل پەسلىدىكى پەرۋىشىنى قىلماقتا.

  ھازىر، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر تېرىقچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق يەر ئاغدۇرۇش، تېرىلغۇ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مېۋىلىك باغ باشقۇرۇشىنى تېزلەتتى، ئېتىزلىقتا ئالدىراشچىلىق مەنزىرە شەكىللەندى.(چۆ•خۇرە فوتوسى)

  3-ئاينىڭ 31-كۈنى، بىر مەيدان باھار يامغۇرىدىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىدىن تەخمىنەن بىر كېلومېتىر يىراقلىقتىكى خەيتاڭ يولىدا، ھالرەڭ ئۆرۈك چېچىكى  پورەكلەپ ئېچىلدى، گۈللەر ئارسىدىكى گۈزەل مەنزىرە دوستلار چەمبىرىكى ۋە «دوۋيىن» كىچىك ۋىدىئوسى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، «توردا نام چىقارغان كوچا»غا ئايلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىشكە جەلب قىلدى. (پېڭ لېي فوتوسى)

  3-ئاينىڭ 31-كۈنى، بىر مەيدان باھار يامغۇرىدىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىدىن تەخمىنەن بىر كېلومېتىر يىراقلىقتىكى خەيتاڭ يولىدا، ھالرەڭ ئۆرۈك چېچىكى  پورەكلەپ ئېچىلدى، گۈللەر ئارىسىدىكى گۈزەل مەنزىرە دوستلار چەمبىرىكى ۋە «دوۋيىن» كىچىك ۋىدىئوسى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، «توردا نام چىقارغان كوچا»غا ئايلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىشكە جەلب قىلدى. (پېڭ لېي فوتوسى)

  3-ئاينىڭ 30-كۈنى، چەۋەندازلار بورتالا بەيگە مەيدانىدا بەيگىگە چۈشمەكتە.

  3-ئاينىڭ 30-كۈنى، بورتالا شەھىرى «ۋەنما» لوڭقىسى ئەتىيازلىق نادام بەيگىسى بورتالا بەيگە مەيدانىدا باشلاندى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 96 «چولپان» بەيگە ئېتى بۇ قېتىمقى بەيگىگە قاتناشتى. ئېسىل بەيگە 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى جەلب قىلدى. (يۈسۈپ غېنى فوتوسى)

ئەسلىي خەۋەنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى