تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن

خوتەن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر ئەخمەتنىياز ئوسمان

  شىنجاڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بولغان، بار - يوقنى تەڭ كۆرىدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن. ھالبۇكى «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، ھەرخىل يالغان - ياۋىداق سۆز، سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش. تارىخنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلايدىغان، ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ھەرقانداق يالغان - ياۋىداق سۆز، سەپسەتىلەرنى بىز ھەممىمىز قەتئىي تەنقىدلىشىمىز، ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىشىمىز، ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق سۆز - ھەرىكەتكە بىز ھەممىمىز قەتئىي زەربە بېرىشىمىز كېرەك.

  مەن يېزىدا تۇغۇلغان، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاساسىي قاتلامدا قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ يېتىلدىم، پارتىيە خۇددى ئانامغا ئوخشاش ماڭا كۆيۈنۈپ، مېنى ئاسراپ كەلدى. مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە جاۋاب قايتۇرىمەن، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن، خەلققە جاۋاب قايتۇرىمەن، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمەن، تىرىشىپ سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنىڭ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنىڭ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن.

  غايە - ئېتىقادىمنى چىڭىتىمەن. مەيدانىمنى باشتىن - ئاخىر مۇستەھكەم قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئاڭلىق سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، تارىخىي بۇرچ ۋە دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئالىمەن.

  باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، تەۋرەنمەي، بوشاشماي، ئىككىلەنمەي، شەكىلۋازلىق قىلماي، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئاتىمەن. سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئورۇننى ياخشى باشقۇرۇپ، ئۆزۈمنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئائىلەمنى ياخشى باشقۇرۇپ، تۇغقانلىرىمنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە يېتەكلەيمەن. نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

  قەتئىي ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرىمەن. پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ۋەتەنگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، تۈرلۈك خاتا ئىدىيەلەر تەرىپىدىن قايمۇقتۇرۇلمايمەن، تار مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىمايمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ تارىخنى بۇرمىلاش، يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى توقۇشتەك رەزىل نىيىتىنى ئۈزۈل - كېسىل پاش قىلىمەن ۋە تەنقىد قىلىمەن، رەددىيە بېرىمەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىش، سىڭدۈرمىچىلىك قىلىش يوللىرىنى تەلتۆكۈس ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى پاش قىلىمەن، ئېچىپ تاشلايمەن، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز تۆھپەمنى قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى