تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاپتونوم رايونىمىز قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىگە ئايلاندى

مول بايلىق+ياخشى سىياسەت ۋە پۇرسەت

ئاپتونوم رايونىمىز قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىگە ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

  كۆپكۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا، ماھىرلار بىر - بىرىنى قوغلىشىپ، قارلىق دالىدا ئۇچقاندەك چاپماقتا... 4- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئالتاي تېغىدىكى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۆت كىشىلىك قوغلاشما قار تېيىلىش مۇسابىقىسى بېيجىڭ، سىچۈەن، يىنچۈەن ھەمدە شىنجاڭ ئىچىدىن كەلگەن 48 ماھىرنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. «ھازىرقى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن، بىز قار تېيىلىشنى 4- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدۇق.» كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى جاۋ ۋېينەن مۇنداق دېدى: 2018- يىلى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى قار تېيىلىش مەيدانى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىپ قار تېيىلغان ساياھەتچىلەرنىڭ يېرىمى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، تۆت كىشىلىك قوغلاشما قار تېيىلىش مۇسابىقىسىگە ئوخشاش بۇنداق قار - مۇز تەنھەرىكەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا دائىملىق قانات يايدۇرۇلماقتا. مول قار - مۇز بايلىقىغا تايانغاچقا، يەنە ياخشى سىياسەت ۋە پۇرسەتلەر بولغاچقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا قار - مۇز تەنھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىگە ئايلىنىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنى قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، تەسىر كۈچى يەنىمۇ كېڭەيدى.

  2016- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. 2018- يىلى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت مەركىزى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى «دۆلەت ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش كوماندىسىنىڭ شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەش ھەمكارلىق كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى ھەم ئالتاي جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىغا «دۆلەت ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش كوماندىسىنىڭ مەشىق بازىسى» دەپ نام بېرىلدى. دۆلەت ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش كوماندىسى شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى يەرلىك بىلەن جەمئىيەتنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈشكە كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى.

  2018- يىلى قىش پەسلىدە، ئالتاي شەھىرى، كۆكتوقاي ناھىيەسىدە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرسى قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتۈلدى. ئالتاي ۋىلايىتى «ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى مۇھىم نۇقتا، قار - مۇز تەنھەرىكىتى تۈرلىرىنى خاسلىق قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ياش قۇرامىدىكىلەرگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان دەرسلەرنى تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلدى. تەنتەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلۇشى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن شادلىقنى ھېس قىلدۇردى.

  3- ئاينىڭ 1- كۈنى، بېيجىڭ چاڭگا مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ جۇڭگو بېيجىڭ دالىدا قار تېيىلىش نومۇر جۇغلاش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى(ئولىمپىكنى تەبرىكلەش مەيدانى بېكىتى مۇسابىقىسى)دە، جۇڭگو دالىدا قار تېيىلىش يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش كوماندىسى شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ئايال تەنھەرىكەتچىلىرىدىن دىلنىگار ئىلھامجان ۋە بايان جالىن تارىخىي خاراكتېردە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. بۇنىڭ ئىچىدە دىلنىگار ئىلھامجان 2- لىككە ئېرىشىپ، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى قاتناشقان ئوخشاش تۈردىكى خەلقئارا يۇقىرى سەۋىيەلىك دالىدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسىدە تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى.

  يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2022- يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ «پىكىر»نىڭ ئېلان قىلىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى ھەمدە ئۇنىڭغا ئالاقىدار كەسىپلەرنى زورايتىش، كۈچەيتىشنى يەنە بىر سىياسەت ئەۋزەللىكى بىلەن تەمىنلىدى، ئاپتونوم رايونىمىز پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، «پىكىر»دىكى تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىشىك ئالدىمىزدىلا ئۆتكۈزۈلىدۇ، دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈش پۈتۈن مەملىكەت تەنھەرىكەت سىستېمىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. بىز چوقۇم مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ماھارەت سەۋىيەمىزنى تېز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى نيې چۈن مۇنداق دېدى: 2022- يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئىككى قار پەسلى قالدى، پۈتۈن تۈر بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەيلى مۇز ئۈستى تۈرلىرىدە بولسۇن ياكى قار ئۈستى تۈرلىرىدە بولسۇن، مەيلى مۇسابىقىگە قاتنىشىش كۆلىمى بولسۇن ياكى سەۋىيەسى بولسۇن، ھەممىسى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا خېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، لېكىن ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ دۆلەتكە شان - شەرەپ كەلتۈرۈش نىشانىغا يېتىشتە يەنە بەلگىلىك پەرق بار. مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش پىلانى ۋە ھازىرقى نەتىجىلەرنى كۆزەتكەندە، تېز سۈرئەتتە كاڭكى تېيىلىش، قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش، دالىدا قار تېيىلىش، U شەكىللىك مەيداندا يەككە تاختىدا تېيىلىش قاتارلىق تۈرلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن ئۈمىد بار. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەتنىڭ مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ياراملىق ماھىرلارنى تاللاش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەيدۇ، يەنە قار - مۇز تۈرىدە ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، «300 مىليون كىشىنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى