تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەتىياز پەسىللىك ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەتىياز پەسىللىك ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر دەل ئەتىياز پەسلى، ھاۋا قۇرغاق، نەرسە - كېرەكلەرگە ئاسان ئوت تۇتىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىڭمىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئاممىنىڭ قەبرە سۈپۈرۈش، تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈش، كۆكلەم سەيلىسى قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى كۆپىيىدۇ، دالىدا ئوت ئىشلىتىش كۆپىيىدۇ، ئوت خەۋپى دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرىلايدۇ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر زورىيىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، بىخەتەرلىك بىرىنچى، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئەتىياز پەسىللىك ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ۋەزىپە ئىش تەقسىماتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئورۇنلاشتۇرما دەل جايىدا بولۇش، تەدبىر دەل جايىدا بولۇش، تەكشۈرۈش دەل جايىدا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشۋىقات - تەربىيەنى دەل جايىدا قىلىپ، ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە تەشۋىقات پائالىيىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. چارلاپ تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادەم مۇداپىئەسى، ماددىي مۇداپىئە، تېخنىكىلىق مۇداپىئەنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوت مەنبەسىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئوت خەۋپىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چارلاپ تەكشۈرۈش، چارلاپ قوغداش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى خەۋپىنى مەنبەدىن ئازايتىپ، ئاپەت يۈزبېرىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، لايىھەنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تولۇق، يېتەرلىك تەييارلاپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئادەملەر زىچ توپلاشقان سورۇن قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى سورۇنلارنى ئالا قويماي رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، باشقۇرغۇچىسىز نۇقتا، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، توغرا يۆنىلىشتە چېتىگىچە، تىك يۆنىلىشتە تېگىگىچە بولغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە رەھبەرلىك جايىدا بولۇش، تەشكىللەش جايىدا بولۇش، كۈچ جايىدا بولۇش، تەدبىرلەر جايىدا بولۇش، كاپالەت جايىدا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش، مەشىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.