تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك بۆلجۈرگەن مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (بايىنغولىن گېزىتى مۇخبىرى ليۇ ۋېنخۇا): چىڭمىڭ بايرىمى يېتىپ كەلدى، يېشىللىققا ۋە گۈلگە پۈركەنگەن باھار پەسلىدە ئۆرۈك چېچەكلىرى ئېچىلدى. قەيەرگە بېرىپ كۆكلەم سەيلىسى قىلساق بولار؟ 4-ئاينىڭ 1 – كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك بۆلجۈرگەن مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى بۇ ناھىيەنىڭ بارۇن ئارمودۇن بازىرىدىكى ئىتتىپاقلىق مەيدانىدا ئۆتكۈزىلىدىكەن. بۇ ناھىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بۆلجۈرگەن بايرىمىنى يېزا-بازارلاردا ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، ئەسلىدىكى يۇرت مەدەنىيەتىنىڭ چوقۇم سىزگە «ئەڭ گۈزەل 4-ئاي» نى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدىغىنىغا ئىشىنىمىز!

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، تۆتىنچى نۆۋەتلىك بۆلجۈرگەن مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئاساسلىقى پائالىيەت ئارقىلىق ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بولۇپ، خاس باغ-ئورمانچىلىق ئەۋزەللىك مەنبەسىنى ساياھەت ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، خېجىڭ ناھىيەسىدە تولۇق ساھە بويىچە ساياھەت شەھىرى داڭلىق ماركىسىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

  بۆلجۈرگەن بايرىمى مەزگىلىدە، بۇ ناھىيەنىڭ بارۇن ئارمودۇن بازىرىدىكى ئىتتىپاقلىق مەيدانىدا مەخسۇس يېڭى بۆلجۈرگەن سېتىش رايونى، خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش رايونى تەسىس قىلىنىدىكەن. ساياھەتچىلەر يەنە بارۇن ئارمودۇن بازىرىدىكى بۆلجۈرگەن بازىسىغا بېرىپ بۆلجۈرگەن ئۈزۈپ، ساپ تەبىئەتنىڭ يېزا-قىشلاق تەملىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدىكەن.

  ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى