تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۇ يىل خۇبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ھۆددىگە ئېلىنغان تۇنجى ساياھەت ئايروپىلانى بورتالاغا يېتىپ كەلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ شۇجيەن، جاڭ شىنيەن، با.بايىنگاۋا): 3-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 16دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن بورتالا ئوبلاستىغا قاراپ ئۇچقان ئايروپىلان بورتالا ئايرودرومىغا سىلىق قوندى. بۇ، خۇبېينىڭ بۇ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە تۇنجى قېتىملىق  ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلانى ھېسابلىنىدىكەن.

  بورتالا ئوبلاستى بورتالا ئايرودۇرۇمىدا كاتتا كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

  خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپلەر تەرەققىياتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ ۋېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئۇلار بالدۇر پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەشۋىقات ۋە تەشكىللەش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول ۋە ساياھەت كارخانىلىرىنى كۆپ قېتىم ماسلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپتىن مەبلەغ غەملەپ، خۇبېي ئۆلكىسى بىلەن بورتالا ئوبلاستىدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى خۇبېي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ بورتالانى ساياھەت قىلىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ھەمدە بۇ يىلدىن باشلاپ ھۆددىگە ئېلىنغان ساياھەت ئايروپىلانىنىڭ نورمال ئۇچۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ، «خۇبېي كىشىلىرىنىڭ بورتالانى ساياھەت قىلىش» پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ساياھەت 8 كۈن بولىدىكەن، خۇبېي «جىنچياۋ» خەلقئارا ساياھەتچىلىكى ۋە خۇبېي «شياۋجۇۋ» خەلقئارا ساياھەتچىلىكى مەسئۇل بولۇپ تەشكىللىگەن ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلان 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ ھەر ھەپتىنىڭ ئۈچى، يەكشەنبە ئىككى قېتىم نورمال قاتنايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، خۇبېيلىق ساياھەتچىلەر بورتالا ئوبلاستىغا كەلگەندىن كېيىن سايرام كۆلى، غەلىتە تاش جىلغىسىنى زىيارەت قىلىپ، قۇملۇقتا قۇملۇق دالا تۇرمۇشىنى ھېس قىلىپ، مىڭ يىللىق توغراقلارنى كۆرۈپ، قازاق مىللىتىنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىگە ئېغىز تېگىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بورتالا ئوبلاستىنى بازا قىلغان ئاساستا «چېگرادىكى بوستانلىق» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىپ، تىيانشان تېغىنى سەيلە قىلىدىكەن. يىپەك يولى قەدىمىي يولىنى زىيارەت قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش بىلەن بىرگە، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى ھېس قىلىدىكەن.

  2018-يىلى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى خۇبېي ئۆلكىسى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ پائال قوللىشىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ساياھەت ئايروپىلانىنى 200 قېتىم، ساياھەت پويىزىنى 8 قېتىم ھۆددىگە ئالغان، 300 قېتىمدىن ئارتۇق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ئۆمەكلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. خۇبېي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا كېلىدىغان ئادەم سانى زور مىقداردا ئېشىپ، 1 مىليون 380 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بورتالاغا كېلىپ ساياھەت قىلغانلار 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ساھەلىرى بويىچە بورتالاغا ياردەم بېرىش كۆلىمى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ، ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بىر يىل بولغان.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى