تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى جان تىكىپ قوغدايمەن

دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئادىل راشىدىن

  جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى قان قېرىنداش بىر ئائىلە كىشىلىرى. شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شۇنداقلا كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئېچىپ، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلغان. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ۋە ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدىغان بارلىق جىنايى قىلمىشلارغا قارىتا، بىز جەزمەن قەتئىي زەربە بېرىشىمىز، قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك!

  ئاساسنى پۇختىلاپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئادالەتنى ياقلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. بىز ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ تارىخنى بۇرمىلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بىز توغرا سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىمىز كېرەك.

  سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە قەد كۆتۈرۈپ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلانغان، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىگەن ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن قەلبىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، زىممەمدىكى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا باشلامچىلىق بىلەن سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن، پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىمەن، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىمەن. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى جان تىكىپ قوغدايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى