تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«قول تۇتۇشۇپ» ھەر مىللەت ئاچا - سىڭىللارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى پۇختا ياسايمىز

موڭغۇل كەشتىچى ئايال ئويۇنبىلىك:

«قول تۇتۇشۇپ» ھەر مىللەت ئاچا - سىڭىللارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى پۇختا ياسايمىز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ بىڭ، چى يىچۇ

  «مەن ئاخىر ئىككى قولۇمغا تايىنىپ پۇل تاپالايدىغان بولدۇم.» 21 ياشلىق قازاق قىز مۇلازى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ، ئۇ ئەڭ مەمنۇن بولىدىغان بىر ئىش. مۇلازى كىچىك ۋاقتىدا كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، بەدىنىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، مەكتەپتە ئوقۇيالماي، پەقەت ئائىلىدە تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغانىدى. بىراق 2018- يىلى ئۇ بەختىگە يارىشا ئۆزىنى ئىشىكى ئالدىدىلا خىزمەت قىلىپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان موڭغۇل كەشتىچى ئايال ئويۇنبىلىك بىلەن ئۇچراشتى.

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرىدىكى ئويۇنبىلىك داڭلىق قابىل ئايال. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا مومىسىدىن ئۆگەنگەن ھۈنىرىگە تايىنىپ، 2003- يىلىدىن باشلاپ موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچىكى، باش كىيىمى، كەشتىلەنگەن قول ياغلىقى، ئۇششاق زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى تىكىش ۋە ياساشقا كىرىشتى، ئارقىدىن يەنە ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قۇردى. ھازىر ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىغا كىرىپ سېتىلىپلا قالماي، يەنە «يىۋۇ سېتىش» تور بېكىتى ۋە پورت ئارقىلىق چەت ئەللەرگە سېتىلىۋاتىدۇ.

  ساياھەتچىلىكنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېزىلارمۇ بارغانسېرى كۆپ سەيلە - ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان بولدى، ئويۇنبىلىكنىڭ قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى يېتىشمەيدىغان، مەھسۇلات مىقدارى بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى. يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئۇ بەزى يېزا - بازارلاردىكى يېزا ئاياللىرىنى مەركەزلىك تەربىيەلەپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا تەشكىللەپ، يەنە ئۆزى مەركەزلىك يىغىپ سېتىشقا باشلىدى.

  «يەرلىكتىكى يېزا ئاياللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بەلگىلىك كەشتىچىلىك ھۈنەر ئاساسى بار، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىكى ئاياللارنىڭ ئۇسلۇبى يەنە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى كۆپ، خىلمۇخىل.» ئويۇنبىلىك مۇنداق دېدى: مەن ھەر مىللەت ئاچا - سىڭىللارنىڭ قول ھۈنىرىدىن رازى، يەنە كېلىپ كۆپچىلىكمۇ ئائىلىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

  2018- يىلى 6- ئايدا، ئويۇنبىلىكنىڭ بىرىنچى «ھەمراھ زاۋۇت»ى بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرى بىنبۇلاق كەنتىدە قۇرۇلدى. كەنتتە قۇرۇلغان بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت سېخى ئەسلىدە بار بولغان زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى ۋە باشقۇرۇشقا تايىنىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى يېقىن ئەتراپتا خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  بىنبۇلاق كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى لو لىڭخۈي مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ كەنتىمىز موڭغۇل، خەنزۇ ۋە ئۇيغۇرلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان كەنت، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار كۆپ، كەنتتە قالغان 260 كەنت ئاھالىسىنىڭ %60ى ئايال. زاۋۇت قۇرۇلغاندىن كېيىن، 70 ئايال ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتى، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش ۋاقىتلىرىدا يەنە ماتېرىياللارنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ پىششىقلاپ ئىشلىسە بولىدۇ».

  ئۇيغۇر ئايال توختىگۈل زاۋۇتتا ئىشلەپ، ئايدا 1500 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدۇ. «ھەم مائاش ئالالايمەن، يەنە تېخى ئائىلەمدىنمۇ خەۋەر ئالالايمەن، ئائىلىدىكىلىرىم بەك قوللايدۇ.» توختىگۈل يەنە گىلەم توقۇشنى ئۆگىنىپ، ماھارەت گۇۋاھنامىسىنى ئالغاندىن كېيىن، تەربىيەلەش ئۇستىسى بولۇپ شاگىرت تەربىيەلەشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

  شۇ يىلى 10- ئايدا، ئويۇنبىلىك بورتالا شەھىرىنىڭ ئوتبۇلاق بازىرى جىگدە بۇلاق كەنتىدە ئىككىنچى «ھەمراھ زاۋۇت»نى قۇردى، مۇلازى دەل كەنتتىكى زاۋۇتقا ئىشقا ئورۇنلاشقان 100 ئايالنىڭ بىرى.

  «ئىستاكان تەگلىكىدىن بىرنى ياسىسام بىر يۈەن تاپىمەن، يان تېلېفون قېپىدىن بىرنى توقۇسام بەش مو تاپىمەن، مېنىڭ ھەرىكىتىم ئاستا بولسىمۇ، ئەمما بىر ئايدا 1000 يۈەن تاپالايمەن» دېدى مۇلازى. مائاش كىرىمى بولغانلىقتىن، مۇلازى تۇرمۇشى ئۈمىدكە ۋە خۇشاللىققا تولغاندەك ھېس قىلدى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونى بار بولدى، يەنە تېخى ۋېلىسىپىت ۋە يېڭى كىيىملەرنى سېتىۋالدى.

  ئويۇنبىلىك مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە مەن ھەممىدىن كۆپ نەپ ئالغۇچى، كۆپچىلىكنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى يۈكسەلدۈردۈم، بۇ ئۆزئارا ياردەم بېرىش دەپ ئاتىلىدۇ، ھەر مىللەت ئاچا - سىڭىللار ئەلۋەتتە <قول تۇتۇشۇشى> كېرەك».

  2018- يىلى ئويۇنبىلىكنىڭ شىركىتىنىڭ سېتىش سوممىسى مىليون يۈەندىن ئاشتى. ھازىر ئۇ ئىككى «ھەمراھ زاۋۇت»، سەككىز كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، بورتالا شەھىرىنىڭ ئۈچ يېزا - بازىرىدىكى 600دىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى