تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«بالىلارنىڭ ھەربىر بەختلىك دەقىقىسىگە مەن گۇۋاھ بولىمەن»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

  «بالام، خېلى ئوڭشىلىپ قالدىڭمۇ؟ قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچ، دوراڭنى ۋاقتىدا يە، جۇمۇ!» 3- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 21 ئەتراپىدا، بىر كۈنلۈك ئالدىراش ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلگىنە 322- نومۇرلۇق ئوغۇللار ياتىقىغا كىرىپ، زۇكامداپ قالغان ئوقۇغۇچى جاڭ رۈينى يوقلاپ، ئۇنىڭغا سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىشنى تاپىلىدى.

  «گۈلگىنە مۇئەللىمنىڭ ئۆيى مەكتەپكە بىرقەدەر يىراق، ئۆزىنىڭ بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايدۇ، لېكىن ئۇ خۇددى ئانىمىزدەك دائىم بىزگە غەمخورلۇق قىلىدۇ» دېدى بۇ شۆيۈەننىڭ خىمىيە سانائىتى كەسپى 1- يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ رۈي مۇخبىرغا. بۇلتۇر 9- ئايدا، مەكتەپ قانات يايدۇرغان «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىدە، گۈلگىنە ئۇنىڭ بىلەن تۇغقانلاشتى.

  «مۇئەللىم بەك كۈلگۈنچەك، تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا ئۇنى بەك يېقىن ھېس قىلدىم.» جاڭ رۈي مۇنداق دېدى: «ئادەتتە ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇقسام، مەن مۇئەللىمنى ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىمەن.» يېقىندا جاڭ رۈي تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە، گۈلگىنە ئۈندىداردا ئۇنىڭغا تۇغۇلغان كۈن خۇڭباۋسى ئېتىپ بەردى، كەچلىك مۇزاكىرە ۋاقتىدا گۈلگىنە يەنە سىنىپقا كېلىپ ئۇنىڭغا ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى، جاڭ رۈي بۇنىڭدىن بەك ئىللىقلىق ھېس قىلدى.

  جاڭ رۈي پەقەت گۈلگىنەنىڭ ئون بالىسىنىڭ بىرى. 2016- يىلىدىن بۇيان، گۈلگىنە «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان سەككىز ئوقۇغۇچى بىلەن تۇغقانلاشقان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا چوڭقۇر مۇھەببەت ئورناتتى.

  «ئۆزۈمنىڭ ئىككى قىزىم بار، يەنە بۇ سەككىز بالىنى قوشقاندا جەمئىي ئون بالام بار، مەن ئۆزۈمنى بەك بەختلىك ھېس قىلىمەن!» بالىلىرىنى تىلغا ئالغاندا، گۈلگىنەنىڭ تەلەپپۇزى بەك مۇلايىملىشىپ كېتىدۇ. گۈلگىنە تۇغقانلاشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىمتىھان بېرىپ شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە ئۆتكەن، كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ ئۆيى ئۈرۈمچىدە ئەمەس ھەم يېشىمۇ بىرقەدەر كىچىك. بالىلارنىڭ قەلبىدە، گۈلگىنە ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن باشقا ئەڭ يېقىن ئادىمى ئىكەن.

  قوشماقلاشقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بىر يېتىم ئوغۇل بالا بولۇپ، چوڭ ئانىسى بېقىپ چوڭ قىلغانىدى. گۈلگىنە بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ كۆپ كۆيۈندى، مەكتەپ ئاشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئوقۇشىغا ياردەم بەردى، قىش كىرگەندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭغا قىشلىق كىيىم - كېچەك ئېلىپ بەردى. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى بۇ ئوغۇل بالىنىڭ 16 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، گۈلگىنە بىر جوزا مول كەچلىك تاماق تەييارلاپ، بارلىق قوشماقلاشقان ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  «بۇنىڭدىن كېيىن، مەن سىزنى ئانا دەپ چاقىرسام بولامدۇ؟ ئانا مەن سىزنى سۆيىمەن!» شۇ كۈنى كەچتە، گۈلگىنە بۇ ئوغۇل بالا ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالدى. «شۇ دەقىقىدە مەن ئۆزۈمنى بەك بەختلىك ھېس قىلدىم!» ئەينى چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ، گۈلگىنەنىڭ كۆز - چاناقلىرىدىن ياش ئەگىدى.

  بىللە غىزالىنىش، بىللە پاراڭلىشىش، بىللە ئۆگىنىش... گۈلگىنەنىڭ يان تېلېفونىدا قوشماقلاشقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆتكەن ناھايىتى كۆپ بەختلىك دەقىقىلەر خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇنىڭ غەمخورلۇقىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى. ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگەندە، ئوقۇغۇچى گاڭ تېڭفېي تۇرۇۋاتقان ياتاقنىڭ تازىلىقى بىرقەدەر ناچار ئىدى، گۈلگىنەنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە ئۆزگىرىش بولدى؛ ئوقۇغۇچى ئابدۇسەبىر ئەخمەت ئىچ مىجەز بولۇپ، ئۇنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى نەتىجىسىدە مەكتەپ تەشكىللىگەن پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان بولدى؛ ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ پىلانى تۈزۈشىگە ياردەم بەردى، ئوقۇغۇچى لى خەيجيەن بۇلتۇر ئەلا نەتىجە بىلەن مەخسۇس كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇدى.

  «بۇ بالىلارنىڭ ھەربىرى مېنىڭ ئوماقلىرىم.» گۈلگىنەنىڭ چوڭ قىزى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە، كىچىك قىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئۇلار ئانىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېھتىياجلىق، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ قوشماقلاشقان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان كۆيۈنۈشى ئازايمىدى. «بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جاپا تارتىۋاتقان بولساممۇ، لېكىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن.» گۈلگىنە مۇنداق دېدى: بالىلار مېنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن قۇچاقلىغان، ئىللىقلىق بىلەن ھال سورىغان، مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن تاتلىق كۈلگەندە، بارلىق جاپالىرىم شېرىن تۇيغۇ ۋە خۇشاللىققا ئايلىنىدۇ.

  «مەن بالىلىرىم بىلەن كەلگۈسىدە ئۇلار خىزمەتكە قاتناشقان، توي قىلغاندا، ماڭا خەۋەر قىلىشى توغرىسىدا كېلىشتىم. بالىلارنىڭ ھەربىر بەختلىك دەقىقىسىگە مەن گۇۋاھ بولىمەن» دېدى گۈلگىنە ھاياجانلانغان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى