تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى پۇختا ئىگىلەپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى پۇختا ئىگىلەپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئاپتونوم رايون دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

      شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش، دىنلارنىڭ ئېجىل-ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا تىنچلىق سورىدى.

  سۆھبەت يىغىنىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن بولدى، يىغىنغا قاتناشقانلار كەڭ - كۇشادە پىكىر بايان قىلدى. ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ئابدۇشۈكۈر رەخمىتۇللا، ياڭ جيې، ئەزھەرجان قادىر، ئەسبىدۇن سەمەت، مەمەت جۈمە، ئابدۇرېيىم ئابلەت، ئوبۇلھەسەن تۇرسۇننىياز قاتارلىق دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا غەمخورلۇق قىلدى، كۆڭۈل بۆلدى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ شارائىتىنى كۈچەپ ياخشىلىدى، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈردى، كەڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. كۆپچىلىك يەنە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  چېن چۈەنگو بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خاتىرىلەپ، يىغىنغا قاتناشقان دىنىي زاتلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، مۇزاكىرە قىلدى ھەم ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر-تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا، مۇۋاپىق پىكىرلەرنى پائال قوبۇل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

  بىرىنچى، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىگە ئىگە بولۇش، ئۆزى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

  ئىككىنچى، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. قانۇن بويىچە، نىزام بويىچە دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىش، نورمال دىنغا ئېتىقاد قىلىش بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ چەك-چېگراسىنى توغرا، ياخشى ئىگىلەش، قانۇن بويىچە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش» «توققۇزنى سەپلەش»نى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۇل ئەسلىھە، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتلەرنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، دىنىي خادىملارنى قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، دىنىي زاتلارغا، كەڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش، قوغداش، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تۇغقىنىدەك كۆرۈش، دوستىدەك كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قوغداش، غەمخورلۇق قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پائال تەشەببۇسكار ھالدا ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن تۇغقانلىشىپ، دوست بولۇپ، كۆپ ئۇچرىشىپ، كۆپ سىردىشىپ، كۆپ ياردەم بېرىپ، چىن دىلى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش؛ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دىنىي زاتلارنىڭ سىياسىي ساپاسى، قانۇن ئېڭى، دىنىي بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  بەشىنچى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دىن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ۋەز ئېيتىش، تەپسىر قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى پائال قوللاپ، دىنىي قائىدە، دىنىي ئەقىدىلەرنى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات-يۈكسىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا شەرھلەپ، كەڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، ئەسەبىيلىكنى توسۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.