تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ھەمراھ بولۇش مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر رېن شىنجې): گۈلىستان لىتىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى نەنزىگو ساقچىخانىسىنىڭ جىڭيى يولى مەھەللە ساقچىسى، خىزمەت جەريانىدا ئۇ تەنھا ياشانغان كىشى خې جيافاڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدى، شۇنىڭدىن باشلاپ دائىم ئۇنى يوقلاپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ھازىر سەككىز يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىككىسى ئانا-بالىلىق مېھرى-مۇھەببەت بىلەن ئۆتىدۇ.

  3-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتە، گۈلىستان لىتىپ ئادەتتىكىدەك سوۋغاتلارنى ئېلىپ خې جيافاڭنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ باردى. 80 ياشلىق خې جيافاڭ خۇشال ھالدا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ھال-ئەھۋال سوراپ، گەپ-سۆزلىرى تۈگىمەيلا قالدى. خې جيافاڭ ئۈستەلدىكى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر، مېۋە-چېۋىلەر، يەنە بالكوندىكى ھەر خىل يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىپ مۇخبىرغا، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى گۈلىستان ياخشى «قىزى» نىڭ ئېلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. خې جيافاڭ:«ئۇ ماڭا ھەمراھ بولىدۇ، تاماق ئېتىپ بېرىدۇ، ئېلىپ بەرگەن نەرسىلىرىنى جايلاشتۇرۇپ بولالمىدىم، بىر ئايدا دائىم بىر قانچە قېتىم يوقلاپ كېلىدۇ. سىرداش يۈرەك پارەم ھەممە ئىشنى ئەتراپلىق ئويلىيالايدۇ» دېدى.

  2011-يىلىنىڭ بېشىدا، گۈلىستان لىتىپ جىڭيى يولىنىڭ مەھەللە ساقچىسى بولدى، ئىشقا چىققان تۇنجى كۈنى، ئۇ ئاھالىلەردىن خې جيافاڭ بىلەن تونۇشتى. خې جيافاڭنىڭ يولدىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئىككى ئوغلىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدە باشقا ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن، گۈلىستان لىتىپ پات-پات كېلىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردى، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز خې جيافاڭنىڭ سۇ، توك سېتىۋېلىشى، ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىغا ياردەملەشتى، ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ سىرداشتى.

  ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئىككىسى بىر-بىرىنى ئانا دېسە قىزىم دەپ چاقىرىشىدىغان بولدى. موماي يەنە گۈلىستانغا بىر ھۇجرا ئۆينى تەييارلاپ، ئىللىق ۋە نەپىس قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ دەم ئېلىشى، قونۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. گۈلىستان: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەن ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپلا قالماستىن، ئۇمۇ ماڭا مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزدى، دېدى. گۈلىستان لىتىپ مۇنداق دېدى:«مەن ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرغىنىمدا، گېلىمنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، دورا سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەردى، مەنمۇ بىلمەپتىمەن. دىجورنى تۇرغان ۋاقتىمدا ئاپام يەنە تۇخۇم پىشۇرۇپ، تاماق ئېتىپ، مەھەللە كومىتېتىغا مېنى يوقلاپ كەلگەندە، خىزمەتداشلىرىم سىلەر ئانا-بالا ئىككىڭلار ناھايىتى ياخشى ئۆتىدىكەنسىلەر دېدى. ئاپام شۇنچە ياشىنىپ قېلىپمۇ، كۆڭلىدە يەنە مېنى ئەسلەپ كەپتۇ».

  سەككىز يىلدىن بۇيان، ھەر قېتىم ھېيت-بايراملاردا، گۈلىستان لىتىپ خې جيافاڭغا ھەمراھ بولدى. خې جيافاڭ:  «قىزىم» بولغاندىن بۇيان، تۇرمۇشۇم كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ،دېدى. خې جيافاڭ مۇنداق دېدى:«بۇلتۇر توغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن دەپ تۇرۇۋالدى، راستتىنلا تۇنجى قېتىم ئىدى، ئۇ ئېسىدە مەھكەم ساقلىۋاپتۇ، خۇشال بولۇپ كەتتىم، بۇ قىزىمنىڭ كۆڭلىدە. چاغان، يېڭى يىللاردا مېنى ئۆزلىرىنىڭ ئاشخانىسىغا تاماققا تەكلىپ قىلدى، خىزمەتداشلىرىغا بۇ گۈلىستاننىڭ ئاپىسى دېگەندە، باشقىلار ماڭا ھەۋەس قىلدى، مەن بەختلىك ئىكەنمەن».

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى