تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئاپتاپتىن ساقلىنىش تېرە ئاسراشنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى ‏

  ياخشى تېرە ئاسراشتىن كېلىدۇ، تېرە ئاسراشنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى ئاپتاپتىن ساقلىنىش. ‏چاڭشا شەھەرلىك 1-دوختۇرخانا تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ‏ۋراچى لو خۇڭ ئەسكەرتىپ: ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلترا بىنەپشە نۇر قوش بىسلىق ‏خەنجەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر تېرىگە چۈشكەندە ئادەم بەدىنىدىكى ۋېتامىن ‏D‏نىڭ ‏بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما ئاسانلا تېرىنى پاتولوگىيەلىك زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشى ‏مۇمكىن، دېدى. ‏

  ئۇزاق مۇددەت ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا قاقلانسا، تېرىنىڭ نۇردىن قېرىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ، ‏تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە تېرە يىرىكلىشىش، بوشاپ كېتىش، ساڭگىلاش، قورۇق پەيدا بولۇش، ‏تەرتىپسىز داغ ۋە قىل قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشى قاتارلىق ئىپادىلىرى بار، ھەتتا تېرە راكى ‏قاتارلىق تېرە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. ‏

  لو خۇڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاپتاپتىن ياخشى ساقلىنىشنى ‏تەۋسىيە قىلدى:‏

  ‏1. ئىمكانقەدەر چىڭقى چۈشتىكى ئاپتاپقا قاقلىنىشتىن ساقلىنىش، ھەر كۈنى سائەت 10-14كىچە بولغان ‏ئاپتاپ كۈچلۈك ۋاقىتتا ئىمكانقەدەر سىرتتىكى پائالىيەتلەرنى ئازايتىش؛

  ‏2. فىزىكىلىق توسۇق ئارقىلىق ئاپتاپتىن ساقلىنىشنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى، ئۇزۇن يەڭ ‏مايكا، كۈنلۈكنىڭ ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمىگە قارىغاندا تېخىمۇ پايدىسى بار؛

  ‏3. ئاپتوموبىل ۋە ئۆينىڭ دېرىزىلىرىگە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى توسۇيدىغان ئەينەك چاپلىمىسى ‏ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛

  ‏4. ئوتتۇرا دولقۇن ۋە ئۇزۇن دولقۇندىن بىرلا ۋاقىتتا ساقلانغىلى بولىدىغان كۆپ خىل رول ‏كۆرسىتىدىغان ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى ئىشلىتىش، ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا سەزگۈر كىشىلەر ‏ئاپتاپتىن ساقلىنىش كوئېففېتسېنتى (‏SPF‏) 30دىن يۇقىرى كۆپ خىل رول كۆرسىتىدىغان ئاپتاپتىن ‏ساقلىنىش مەلھىمى ئىشلىتىشى كېرەك. ‏

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى