3- ئاينىڭ 27- كۈنى، ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا لەگلەك ئۇچۇرماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى ساياھەت كىچىك يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر مىڭ يىللىق توغراق دەرىخى ئاستىدا بەخت تىلىدى، خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق مىللىي ئۆرپ - ئادەت ماھارەت مۇسابىقىلىرىنى ۋە ئويۇنلىرىنى كۆردى، كۆز يەتكۈسىز تەكلىماكان قۇملۇقىدا رەڭگارەڭ لەگلەكلەرنى ئۇچۇرۇپ، باھاردىكى قۇملۇق مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.
( لى فېي فوتوسى)