تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئائىلە ئاپتوموبىلى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش

مۇخبىرلىرىمىز ياۋ گاڭ، رېن جياڭ

  «بۇ نەچچە يىلدا، بىز ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتنى تاللاپ توقسۇنغا كېلىپ ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىمىز.» 3- ئاينىڭ 24- كۈنى، ما گويۈ سەھەردىلا سانجى شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا يېزىسى نەخۇل كەنتىگە بېرىپ ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلدى. شۇ كۈنى، نەخۇل كەنتىدىكى يوللار ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردىن ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسى قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرى بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى.

  ما گويۈگە ئوخشاش، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ساياھەتچى ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى شەكلىنى تاللاپ باھار ھىدىنى ھېس قىلىدىغان بولدى، ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. 3 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت كۆرگەزمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت» مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر مۇناسىپ ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ ئىچىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مايتاغ - كۇچا تاشيولى، تەكلىماكاننى ئايلىنىش قاتارلىق بىرنەچچە تۈرلۈك ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسىنى تەۋسىيە قىلدى، بۇ لىنىيە ئارقىلىق ئادەتتىكى ساياھەتچىلەرمۇ تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى لىنىيەسىنى ھېس قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە لىنىيە بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ؛ خوتەن ۋىلايىتى ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى «چېچەك سەيلىسى» لىنىيەسىدىن ئالتىنى يولغا قويۇپ، بىر كۈندىن ئىككى كۈنگىچە بولغان قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتنى ئاساس قىلىپ، ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى بىلەن ئىستىراھەتنى گەۋدىلەندۈردى، ساياھەتچىلەر بىر تەرەپتىن چېچەك تاماشاسى قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ جاينىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ھېس قىلالايدۇ؛ پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان چىڭمىڭ بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالتاي ۋىلايىتى قۇشلارنى تاماشا قىلىش بويىچە ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى مەھسۇلاتىنى يولغا قويدى.

  يەر شەكلى مەنزىرىسى مول، رەڭدار شىنجاڭ نۇرغۇن دالا ھەۋەسكارلىرىنىڭ چوقۇم بېرىشقا تېگىشلىك جايىغا ئايلاندى. 3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت كۆرگەزمىسىدە تونۇشتۇرۇلغان مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيىتى دالىنى ھېس قىلىش پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، «ساياھەت + تەنتەربىيە» ئارقىلىق ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىدىغانلار، دالا ھەۋەسكارلىرى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىنىدۇ. 5- ئايدا، قاراماي شەھىرىگە جايلاشقان دۇنيا ئالۋاستى شەھىرى مەنزىرە رايونى دالا موتوسىكلىت تەكلىپ مۇسابىقىسىنى يولغا قويىدۇ، بۇ پائالىيەت دالىدا ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونى ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ، ساياھەتچىلەر دالا ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەپ قۇملۇقتا قانغۇچە بەھۇزۇر ساياھەت قىلالايدۇ؛ ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى «100 چاقىرىملىق ئالتۇن ساياھەت كارىدورى»غا تايىنىپ ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى پائالىيىتىنى يولغا قويدى، ھەر كۈنى 200 ئاپتوموبىللا مەنزىرە رايونىغا كىرەلەيدۇ.

  كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىدىغانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى مەھسۇلاتىدىن نۇرغۇننى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، يەنە ئۇل ئەسلىھە، ساياھەتچىلىكتە كۈتۈۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىپ، ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلغۇچىلارنى تېخىمۇ مۇكەممەل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. 2018- يىلى، دۇنيا ئالۋاستى شەھىرى مەنزىرە رايونى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇش، ئاممىۋى ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنىڭ سالمىقىنى ئاشۇردى. بۇ يىل، ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان مەنزىرە رايونى ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلغۇچىلارنى تېخىمۇ راھەت ھېس قىلدۇرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسى باشئاقما كەنتىگە ئۆرۈك چېچىكىنى تاماش قىلىشقا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. «بۇ يىل، بىز يەرلىكتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى دېھقانلار ئارامگاھى، ئائىلىۋى ياتاق ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېمەك - ئىچمەك، ياتاق قاتارلىق يانداش مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياتاق، تاماق ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز» دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ يى.

  شىنجاڭ ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى لى شياۋخۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى مەھسۇلاتلىرى ۋە لىنىيەلىرىنى پائال ئاچماقتا. بۇ يىل، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر قىسقا مۇساپىلىك، شەھەر ئەتراپىنى ساياھەت قىلىشنى ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىشتا تەۋسىيە قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاپتوموبىللارنى باھاردىكى چېچەك سەيلىسى سەپىرىدە ئۇچقاندەك چاپتۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى