تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك

«ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت بازارلىرىدا ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»گە قاراپ چىقىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 31- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتى نىزامى»نى تۈزۈش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ ئاساس، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەقىقىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىككى «نىزام»نى ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئۇل خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، دائىملىق ۋەزىپە قىلىپ تۇتۇپ، تىرىشىپ ئېتىقادى مۇستەھكەم، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، ساپاسى ياخشى، ئىنتىزامى قاتتىق، رولى گەۋدىلىك بولغان پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا، «ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت بازارلىرىدا ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»گە قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، ئەلالىشىش، ماس بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان مەدەنىيەت بازارلىرىدا ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازارلىرىنىڭ نورمال تەرتىپىنى قوغداش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.