قول-پۇت ئۇيۇشۇش نۇرغۇن ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى راكېتا ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما رېماتىزم بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى چۈەنمىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياشانغانلار قول-پۇتىنىڭ ئۇيۇشۇشى خەتەر سىگنال بولۇپ، خۇلاسىلىگەندە تۆۋەندىكىدەك 7 چوڭ سەۋەبتىن بولىدىكەن.
1. يەلكە نېرۋىلىرى بېسىلىش.
2. دورىنىڭ ئەكس تەسىرى.
3. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك.
4. بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى.
5. دىيابېت كېسىلى نېرۋا ئەگەشمە كېسەللىكلىرى.
6. مېڭە تىقىلمىسى.
7. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى.
لى چۈەنمىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قول-پۇت ئۇيۇشۇش نۇرغۇن كېسەلنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكى بولۇپ، ئاسانلا تەكرار قوزغىلىش، يىلتىزىدىن ساقايتىش قىيىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. قول ـ پۇت ئۇيۇشۇشتىن قۇتۇلۇشتا، دورا ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ نۇرغۇن نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەككەن. يەنى: يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولۇش، كۆپ سۇ ئىچىش، ۋىتامىن تولۇقلاش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ئۇخلاش ھالىتىگە دىققەت قىلىش، قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، خىزمەت ۋە دەم ئېلىش تەرتىپلىك بولۇش .
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى