تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەممەيلەن كۈچ چىقىرىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى

لۇ فېڭباۋ

  3- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»دە خەۋەر قىلىنىشىچە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىزدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرى ۋە مەھسۇلاتلارنى سېتىش ئۇچۇرلىرى چىقىرىلىدىغان بىر كۆرگەزمە تاختىسى بار بولۇپ، ئۈستىگە كەنت ئاھالىلىرى ساتىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇچۇرلىرى ھەمدە ياردەم بېرىش - يۆلەش ئېھتىياجى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار چاپلانغان. ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان بۇ ھەرىكەت كۆرگەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن.

  بىر ئادەمنىڭ كۈچى قانچىلىك؟ تاغنى تەۋرىتەلمەيدۇ، دېڭىزنى تىندۇرالمايدۇ. لېكىن كۆپچىلىك زىچ ئىتتىپاقلاشسىلا، ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، نامرات دېھقانلار بىر - بىرلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى. نۆۋەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەڭ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىستىھكامنى ئېلىشنىڭ كۈچەش باسقۇچىغا كىردى. كەينىگە بارغانسېرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى شۇنچە زورىيىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى كۈچلەرنى چوڭقۇر دەرىجىدە قاتنىشىشقا ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

  مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىزدىكى بۇ ئۇسۇل كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشلىشىغا ئەرزىيدۇ.

  كۆپ ياققان ئوت كۆككە تۇتىشار. پەقەت كۆپچىلىك بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىرلىكتە كۈچىسە، ھەممەيلەن كۈچ چىقارسا، چوقۇم ئەڭ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

  («سۆز ھەممىگە» سەھىپىسىگە ماقالە ئەۋەتىش ئېلخەت ئادرېسى: xjrbplb@126.net)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى